كىچىك پېئىللىق ۋە كەمتەرلىك

يوللانغان ۋاقتى : 2012-06-22 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 119 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

جامائەت بىلەن دوستانە، ئىناق-ئىجىل ئۆتسىڭىز، سىز شۇ ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ ئاق كۆڭۈل ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. بۇنداق ئىتتىپاقلىققا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان ئاساسىي توساق بىزنىڭ تەكەببۇرلىقىمىزدۇر. پەقەت كىچىك پېئىللىقلا سىزنى دوستانە، ئادەمگەرچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغۇزىدۇ.
سىز ئۆزىڭىزدىن قانچىكى رازى بولغانچە باشقىلاردىن شۇنچە رازى بولمايسىز. ئەكسىچە، ئۆزىڭىزدىن قانچىكى رازى بولمىسىڭىز، باشقىلار بىلەن خۇشاللىقتا شۇنچە بىرگە بولالايسىز، سىزنىڭ ھاياتىڭىزمۇ شۇنچە گۈزەللىشىدۇ.
ئۆزىنىلا سۆيىدىغان ئادەمنىڭ يېقىن دوست-يارەنلىرى بولمايدۇ.
−گېئورگى.C.لېچتېنبېرگ
ئەگەر، سىز دوستانە ۋە ئىناق، كىچىك پېئىل-كەمتەر، ئىززەت-ئىكراملىق بولسىڭىز، خۇدا ئۆزى سىزنىڭ يېنىڭىزغا كېلىدۇ، خۇددى سۇ ساي-جىلغىلارغا ئۆزى ئېقىپ كىرگەندەك تەبىئىي ھالدا.
−چىن ھىكمەتلىك سۆزلىرىدىن
6-ئاينىڭ 22-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *