ھەقىقەت
ئەگەر، بىراۋ سىزگە قىلىۋاتقان ھەر بىر ئىشىڭىزدىن ھەقىقەت ئىزدەپ ئاۋارە بولماڭ، دېسە ھەرگىز ئىشەنمەڭ، چۈنكى، ئۇلار سىزگە دۈشمەن. ئۇلارنىڭ سىزنى شۇنداق قىلغۇزماق بولۇشى، ھەقىقەت بويىچە ياشىمىغانلىقىدىن، ئۇلار باشقىلارنىمۇ شۇنداق بولسىكەن، دەپ ئويلىشىدۇ.
ھەقىقەت بويىچە ياشىمىغان ئادەم نۇرغۇن چۈشەندۈرۈش-ئىزاھاتلارنى تېپىپ، ئۆزىنىڭ ناچار ئەمەس، ياخشى ياشاۋاتقىنىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىدۇ.
ئەتراپىڭىزدىكى تۇرمۇش قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، سىز ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىش ئۈچۈن شۇنچە پاراسەت ئىشلىتىشكە موھتاج بولىسىز.
ھەقىقەت سىزنىڭ نۇرلۇق چىرىقىڭىز بولالايدۇ، يول باشلىغۇچى چىرىقىڭىزغا ئايلىنالايدۇ. ھەقىقەت سىزنى قانات ئاستىغا ئالالايدۇ. سىز ھەقىقەتتىنلا مەدەت تىلىشىڭىز كېرەك.
− بۇددا ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن
ھەقىقەت ئاددىي-ساددا بولىدۇ. يالغان-ياۋىداق سۆز ئېيتىلغاندا، ۋاتىلداش توختىمايدۇ.
6-ئاينىڭ 23-كۈنى