ئسىلام دېمەكلىك

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-11 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 187 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئسىلام دېمەكلىك ئۇ ئەقىدە دېمەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى تەۋھىتدۇر،
ئىسلام دېمەك ئىبادەت دېمەكتۇر، ئۇنىڭ جەۋھىرى ئىخلاسمەنلىكتۇر.
ئىسلام مۇئامىلە دېمەكتۇر، ئۇنىڭ جەۋھىرى بولسا راستچىللىقتۇر.
ئىسلام ئەخلاق دېمەكتۇر، ئۇنىڭ جەۋھىرى بولسا مىھىر-شەپقەتتۇر.
ئىسلام شەرىئەتتۇر، ئۇنىڭ جەۋھىرى ئادالەتتۇر.
ئىسلام ئەمەلدۇر، ئۇنىڭ جەۋھىرى پۇختا قىلىشتۇر،
ئىسلام ئەدەپ-قائىدىدۇر، ئۇنىڭ جەۋھىرى زەۋقتۇر،
ئىسلام مۇناسىۋەتتۇر، ئۇنىڭ جەۋھىرى بولسا قېرىنداشلىقتۇر،
ئىسلام يەنە مەدەنىيەتتۇر، ئۇنىڭ جەۋھىرى بولسا مۇۋازىنەتتۇر.   
      شۇنداق ئىكەن، كىمكى ئەقىدىدە تەۋھىدنى، ئىبادەتتە  خالىسلىقنى، مۇئامىلىدە راستچىللىقنى، ئەخلاقتا مېھر-مۇرۇۋۋەتنى، شەرىئەتچىلىكتە ئادالەتنى، ئەمەلدە پۇختىلىقنى، ئەدەپتە زەۋقنى، ئۆز ئارا ئالاقىدە قېرىنداشلىقنى، مەدەنىيەتتە مۇۋازىنەتنى قولدىن بېرىدىكەن، گەرچە ئۇ رەسمىيەت ۋە شەكىل تەرەپتىن ئىسلامنىڭ زاھىرىنى چىڭ تۇتۇۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ يەنىلا ئىسلامنىڭ نېگىزى ۋە جەۋھىرىنى قولدىن بېرىپ قويغان بولىدۇ. 

WordPress for Android يانفۇندا يوللانغان

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *