ئىجادچانلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان يېمەكلىكلەر
چوڭ مېڭىمىزدىكى نەچچە يۈز مىليۇنلىغان ھۈجەيرىلەر ئادەتتە ھەر كۈنى توختىماستىن مۇرەككەپ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. ئالىملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېمەك – ئىچمەك ھاياتلىقنى ساقلاپ قالىدىغان زۆرۈر لاۋازىمەتلىك بولۇپلا قالماستىن بەلكى بەزى يېمەكلىكلەر كىشىلەرنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زېھنى كۈچىنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ ئىجادچانلىق ئىقتىدارى ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچىنى قوزغىتىشىغا ياردەم بىرەلەيدىكەن.
زەنجىۋىل
زەنجىۋىلنىڭ تەركىبىدە زەنجىۋىل كىسلاتاسى ۋە ئۇچۇشچان مايلار بولۇپ،ئۇلار قان سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ،قاننىڭ ئايلىنىشىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ،چوڭ مېڭىنى تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇق ماددا ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدۇ.بۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ جانلىنىپ،كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە ئىجادچانلىق ئىقتىدارى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
قارا زىرە
قارا زىرىنىڭ تەركىبىدىمۇ ئۇچۇشچان مايلار بولۇپ،بۇ خىل ئۇچۇشچان مايلار كىشىلەرنىڭ پۈتكۈل نېرۋا سىستېمىسىنى جانلاندۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىلھامىنى قوزغىتىپ،تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بىرىدۇ