ئىيۇل 27 2013
پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئۈچ ۋەزىرى
پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئۈچ ۋەزىرى
كۈنلەرنىڭ بىرى پادىشاھ ئۈچ ۋەزىرىنى چاقىرتتى. ئۇلاردىن غەلىتە بىر ئىش تەلەپ قىلىندى. ھەربىر ۋەزىر بىردىن خالتا ئېلىپ قەسىرنىڭ بېغىغا بېرىش ۋە خالتىنى ھەر تۈرلۈك مېۋە ۋە زىرائەتلەردە تولغۇزۇش تەلەپ قىلىندى. شۇنداقلا بۇ ئىشقا ھېچكىمنى ياردەملەشتۈرمەسلىك ۋە ھېچكىمگە تايانماشلىق تەلەپ قىلىندى.
ۋەزىرلەر پادىشاھىنىڭ تەلىپىدىن غەلىتىلىك ھېس قىلغان بولسىمۇ خالتىلىرىنى ئېلىپ باغقا يۈرۈپ كەتتى.
بىرىنجى ۋەزىر پادىشاھنى رازى قىلىشقا تىرىشىپ مىۋىلەرنىڭ ياخشىسىنى ۋە ھوسۇللارنىڭ ئەڭ ئېسىلىنى يىغدى. ئۇ مېۋىلەرنىڭ سۈپەتلىك ياخشىلىرىنى تاللاپ خالتىنى تولغۇزۇپ بولغان ئىدى.
ئىككىنجى ۋەزىرگە كەلسەك ئۇ پادىشاھنىڭ مېۋىلەرنى مەقسەت قىلمىغانلىقى، ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىمۇ چۈشمەيدىغانلىقى ۋە پادىشاھنىڭ مېۋىلەرنى تەكشۈرمەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. شۇڭا مېۋىلەرنى ھورۇنلۇق ۋە خوشياقماسلىق بىلەن يىغىشقا تۇتۇندى. ياخشىسىنى ناچارلىرىدىن ئىلغىمىدى.قانداقلا بولمىسۇن خالتا تولدى.
ئۈچىنجى ۋەزىر بولسا پادىشاھنىڭ خالتا ئىچىدىكى نەرسىلەرگە دىققەت قىلىدىغىنىغا ئەسلا ئىشەنمەيىتتى. شۇڭا ئۇ خالتىنى ئۆسۈملۈك، ئوت-چۆپ ۋە دەرەخ يوپۇرماقلىرى بىلەن تولغۇزىۋەتتى.
ئەتىسى پادىشاھ ئۈچ ۋەزىرنى يىغقان خالتىلىرى بىلەن ئەپكېلىشكە بۇيرۇدى. ۋەزىرلەر توپلاشقاندا پادىشاھ لەشكەرلەرنى بۇ ئۈچ ۋەزىرنى تۇتۇپ، ئۇلارنى يېنىدىكى خالتىسى بىلەن قوشۇپ ئۈچ ئاي يىمەك-ئىچمەكتىن چەكلەپ ھېچكىم بارالمايدىغان تۈرمىگە ئالاھىدە سولاشقا بۇيرۇدى.
بىرىنجى ۋەزىر توپلىغان ئېسىل مېۋىلەرنى يەپ ئۈچ ئاينى ئۆتكۈزىۋالدى.
ئىككىنجى ۋەزىر يىغقان مېۋىلەرنىڭ ساقلىرىغا تايىنىپ قىيىنچىلىق ۋە قاتتىقچىلىقتا ئۈچ ئاينى ئۆتكۈزدى.
ئۈچىنجى ۋەزىر بولسا بىرىنجى ئاي تۈگىمەستىنلا ئۆلۈپ قالغان ئىدى.
پادىشاھ ئۇلارغا مۇنداق دىدى:
مانا مۇشۇنداق، ئاخىرەتتە ياخشىلىقلارغا يېتىش ئۈچۈن ئىنسانغا دۇنيادىكى ياخشىلىقلىرىنى جەملىشى لازىم بولىدۇ.