ئۆلگەندىن كېيىن

يوللانغان ۋاقتى : 2012-04-30 / سەھىپە تۈرى : سەھىپە ئايرىلمىغان / كۆرۈلىشى : 167 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

«ئۆلگەندىن كېيىن قانداق بولىدىغاندۇ؟» دەپ سورىشىدۇ كىشىلەر. ئۆزىڭىزنى مۇقەددەس ياراتقۇچىمىزغا تاپشۇرۇڭ، چۈنكى، ئۇ بارچە سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ئىزگۈلۈكلەر ئىكەنلىكى سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگىمۇ ئايان. شۇنداق بولغاندىلا سىز كەلگۈسىدە ھەممىنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىدىغىنىغا ئىشىنىسىز.
بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز قانچىكى مەنىۋى بولغانچە بىز مەڭگۈلۈك ھاياتقا شۇنچىكى ئىشىنىمىز. كەلگۈسىمىزدىكى پەردىلەر ئېلىپ تاشلىنىپ، زۇلمەت تارقالسا شۇندىلا بىز ئۆزىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكىنىمىزنى ھېس قىلىمىز.
مەن ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بارلىق دىنلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئىشەنمەيمەن، يەنى، مەن ھايات قانۇنىيىتى خۇسۇسىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزگەن. مەن ئىدىيە تارىخى، ئىنسانىيەت تارىخى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەن، ئۆزۈمنىڭ ئىچكى ئۆزلۈكىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەنمەن. ئاخىرى ئېرىشكەن يەكۈنۈم شۇ بولدىكى، دۇنيادا ئۆلۈم مەۋجۇت ئەمەس. دۇنيادا پەقەت مەڭگۈلۈك ھاياتلا مەۋجۇت، مۇكەممەل مەڭگۈلۈككە قاراپ ئىلگىرىلەش ھاياتنىڭ قانۇنىيىتىدۇر.

4-ئاينىڭ 30-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *