كود يېزىشنى ئۈگىنەمسىز ياكى چەتئەل تىلىنىمۇ؟

يوللانغان ۋاقتى : 2012-05-10 / سەھىپە تۈرى : توربەت / كۆرۈلىشى : 209 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئىلگىرى كىشىلەر خىزمەت ۋە مەكتەپتىن قايتقاندىن كىيىن،كەچلىك كۇرۇسلارغا بىرىپ ياكى ئۆزى ماتېرىيال سېتىۋىلىپ ئۆيدە چەتئەل تىلى ئۈگىنەتتى،بىراق،ئەمدىلىكتە بۇ ئىشلارنىڭ ۋاقتى ئۆتتى.نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك ماقالە كىشىلەرگە شۇنى ھېس قىلدۇردى،يەنى ئىلگىرى ئۈگىنىشخۇمار كىشىلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلغان فىرانسىيە ۋە ئىسپانىيە تىللىرى ئەمدىلىكتە مودىدىن قالدى،ئۇلارنىڭ ئورنىنى Java قاتارلىق پىروگرامما تىللىرى ئالدى.

بۇ گەپ ئاڭلىماققا ناھايىتى قىزىقارلىق تۇيۇلىدۇ،بۇ گەپنىڭ ھىچقانداق ئاساسىي يوقمۇ ئەمەس،ھىچبولمىسا ئامېرىكىغا ئوخشايدىغان مۇشۇنداق بىر تەرەققىي قىلغان دۆلەتتە شۇنداق،بۇ دۆلەتتىكى كىشىلەر بارا-بارا زامانىۋىي ئىلىم-پەن بىلەن قۇراللىنىشنى تېخىمۇ مۇھىم بىلىدىغان بولۇپ كەتتى.ئەگەر سىز بىر قەھۋەخانىدا ئولتۇرغان بولسىڭىز،ئۇنداقتا تۆت ئەتراپىڭىزغا قاراپ بىقىڭ،كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ دىققىتى قولىدىكى ھەرخىل كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە،بەزىلەر ھەتتا قەھۋەخانىدا ئولتۇرۇپلا يانفونىنىڭ سىستېمىسىنى يېڭىلايدۇ ياكى توردىن ماتېرىيال چۈشۈرىدۇ.

تۆۋەندىكىسى نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدىن ئېلىنغان ماقالىدىن پارچە:

«مودا بولۇش جەھەتتىن ئېيىتقاندا،كومپيۇتېر تىلى ئاللىقاچان چەتئەل تىللىرىدىن ئېشىپ چۈشتى.كەچلىك كۇرۇسلار ۋە تور مەكتەپلىرىدە ئېچىلغان دەرسلىك جەدۋىلىگە قارىسىڭىز،ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغانلىرى ئاشۇ پىروگرامما تۈزۈش،توربەت لاھىيلەش ۋە ئالما ئەپلىرىنى ئېچىش قاتارلىق كەسىپلەر ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.كۇرسانتلار بىردەك ھالدا بۇ تېخنىكىلارنى ئۈگىنىش ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكا دۇنياسىغا ماسلىشىشقا ئاساس سېلىشنى ئويلايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە،مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا،كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىمۇ ئىنتېرنېت ئاساسىدا ئىلىپ بىرىلىدۇ.ئۇلار پەن-تېخنىكىنىڭ ئارقىسىدا قىلىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ.»

بىراق،كود يېزىشنى بىلمىگەنلەرنىڭ بۇ جەمىيەتتە پۇت دەسسەپ تۇرالىشى راستىنلا شۇنچە قېيىنمۇ؟نۆۋەتتە مىليۇنلىغان كىشىلەر كۈندىلىك خىزمەت ئورنىدا،ھەر سائەت،ھەر مىنۇتتا،دەل مۇشۇ ئىقتىدارلارنى ئىشلىتىۋاتىدۇ،بىراق،ئۆزىمىزنى ئېلىپ ئېيىتساق،ئەھۋال ناھايىتىمۇ بىر-بىرىگە زېت:

«مەن كومپيۇتېر تېخنىكىسى جەھەتتە بەلگىلىك ئاساسقا ئىگە،بىراق،مەن باشقىلارغا بۇ تېخنىكىلارنى بىلىشنىڭ زادى قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرەلمەيمەن.»

ئۇنداقتا،كود يېزىش راستىنلا چەتئەل تىلى ئۈگىنىشكە قارىغاندا تېخىمۇ «مودا» بولۇپ كەتتىمۇ؟ئەگەر شۇنداق بولسا،ئۇنداقتا بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟بۇنداق بولغىنى زادى ياخشى ئەھۋالمۇ ياكى ناچار ئەھۋالمۇ؟…

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *