*******ھەممىدىن نىيەت ئەلا******

يوللانغان ۋاقتى : 2013-07-29 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 191 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

****************ھەممىدىن نىيەت ئەلا***********
مۇنداق بىر ھىكايەت بار: بىر پاھىشە قۇدۇق بېشىدىكى بىر ئۇسساپ كەتكەن ئىتنى كۈرۈپ، كەشىنى يېشىپ،كەشى بىلەن قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ، ئىتنىڭ ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرغان، ئاللاھ ئۇنىڭ مۇشۇ ياخشى ئىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىپ، ئۇ پاھىشىنى جەننەتكە كىرگۈزگەن.
يەنە بىر ھىكايەت: بىر ئاتلىق يولۇچى سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدا سەپەر قىلىۋېتىپ بىر قۇدۇق بويىغا كىلىپ قاپتۇ، ئۇ قۇدۇق بويىدا ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئېتىنى يەرگە قۇزۇق قېقېپ باغلاپ قۇيۇپ بۇلاق سۈيىدىن ئىچىپ، يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ ئارام ئالغاندىن كىيىن مېڭىش ئالدىدا ھېلىقى ئۈزى قېقىپ قويغان قۇزۇقنى كۈرۈپ قۇزۇقنى ئېلىۋەتمەكچى بولۇپتۇ-يۇ، لىكىن < توختا ! . بۇ يەردە ئات باغلىغۇدەك نەرسە يوق ئىكەن، مەندىن كىيىن كەلگەن ئاتلىق يۇلۇچىلار ئېتىنى باغلاپ ئارام ئالسا ياخشى ئەمەسمۇ > دەپ ئويلاپ قۇزۇقنى قالدۇرۇپ قۇيۇپ كىتىپ قاپتۇ. ئاللاھ بۇنىڭ بۇ ياخشى كۆڭلى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىر ساۋاپ يېزىپتۇ. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي بىر پىيادە يۇلۇچى بۇلاق بۇيىغا كەپتۇ. ئۇمۇ بۇلاق سۈيىدىن قانغۇچە ئىچىپ ، يۈز كۆزلىرىنى يۇيۇپ ئارام ئاپتۇ.كىيىن سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىۋېتىپ ھېلىقى قۇزۇققا كۆزى چۈشۈپ<قانداق نا="نا" ئەھلى="ئەھلى" قېقىپ="قېقىپ" قويغاندۇ="قويغاندۇ" بۇ="بۇ" قۇزۇقنىبىرەر="قۇزۇقنىبىرەر" يولۇچى="يولۇچى" پۇتلىشىپ="پۇتلىشىپ" يىقىلىپ="يىقىلىپ" كەتسە="كەتسە" قانداق="قانداق" بولغىنى="بولغىنى"> دەپ ئويلاپ قۇزۇقنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ يىراققا تاشلىۋىتىپتۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ بۇ ياخشى كۆڭلى ئۈچۈن بۇنىڭغىمۇ بىر ساۋاپ يېزىپتۇ.


ئويلاپ باقايلى: بىرسى، قۇزۇقنى قېقىپ قۇيۇپ ساۋاپ ئالدى. يەنە بىرسى قۇزۇقنى ئېلىپ تاشلىۋىتىپ ساۋاپ ئالدى. بۇ مۇكاپات ئۇلارنىڭ نىيتىنىڭ ياخشىلىقىن، دۇرۇسلىقىدىن بىرىلگەن ئەمەسمۇ؟ دىمەك: نىيەت ئەلا…نىيتىڭىز، كۆڭلىڭىز ياخشى بولسۇن، باشقىلارغا يامانلىق ئويلىماڭ !…         

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *