تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور…..

يوللانغان ۋاقتى : 2013-06-19 / سەھىپە تۈرى : تۇرمۇش / كۆرۈلىشى : 170 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئەڭ زور قىزىقىش ـــ ئىزلىنىش بىلەن ئىجاد قىلىشتۇر.

ئەڭ زور بايلىق ـــ بىلىم بىلەن ۋاقىتتۇر.

ئەڭ زور ھەسرەت ـــ بىلمىسىزلىك بىلەن پوچىلىقتۇر.

ئەڭ زور تەسەللىي بېرىش ـــ بىر–بىرگە ئىشنىشتۇر.

ئەڭ زور ھاسىلات ـــ تەجىرىبە ۋە ساۋاقتۇر.

ئەڭ گۈزەل ئەخلاق ـــ پاكلىق بىلەن ساداقەتمەنلىكتۇر.

ئەڭ زور زېرەكلىك ـــ ئۆزىنى بىلىشتۇر.

ئەڭ زور ئەخمەقلىق (ھاماقەتلىك) ـــ باشقىلارنى ئالداشتۇر.

ئەڭ زور شەرمەندىچىلىك ـــ ئۆز ئىپپەت-نومۇسى بىلەن ۋىجدانىنى سېتىشتۇر.

ئەڭ زور بەخت ـــ ئۆز ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتۇر.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *