بالىلارغا ئەخلاق ئۆگىتىش ھەققىدە

يوللانغان ۋاقتى : 2013-05-02 / سەھىپە تۈرى : ئوماق قوزام / كۆرۈلىشى : 162 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش
بالىلارغا ئەخلاق ئۆگىتىش ھەققىدە كەلگەن ھەدىس ۋە ماقالىلار

 

 

تىرمىزى جابىر ئىبنى سەمرە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ”بىر ئادەمنىڭ بالىسىنى ئەدەبلىگىنى بىرئۆلچەك سەدىقە بەرگىنىدىن ياخشىدۇر.“

ئىمام تىرمىزى سەئىد ئىبنى ئاس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ”ئات ـ ئانىنىڭ بەرگەن ھەرقانداق كاتتا نەرسىسى ئۇلارنى ئەدەبلىك قىلىپ تەربىيلىگەندەك كاتتا ئەمەستۇر.“ دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەلى ئەلمەدەنى (اللھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) : بالىلارغا ئەدەبنى مىراس قالدۇرۇش ئۇلارغا مال ـ دۇنيا مىراس قالدۇرۇشتىن ياخشىدۇر. ئەدەب ئۇنىڭغا مالـ دۇنيا، بايلىق، قېرىنداشلىرىغا مېھرىـ مۇھەببەت ھاسىل قىلدۇرىدۇ ۋە ئۇلارغا دۇنيالىق بىلەن ئاخىرەتلىكنىڭ ياخشى ئاقىۋىتىنى جەملەپ بېرىدۇ، دەيتتى.

سەلەپ ـ سالىھلارمۇ ئەدەب ـ ئەخلاقنىڭ ئەھمىيىتىنى، دەرىجىسىنى ۋە مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ياخشى چۈشەنگەچكە بالىلىرىنى ئەدەبلىك چوڭ قىلىشقان ۋە بارلىق ئىسلام ئۈممىتىگە بۇنى تەۋسىيە قىلىشقان. تۆۋەندىكىسى بولسا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ ئات ـ ئانىلارغا قىلغان خىتاب بولۇپ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بالاڭنى ئەدەبلىك قىلىپ ئۆستۈرگىن، ھەقىقەتەن سەن بالاڭنى قانچىلىك ئەدەبلىك ئۆستۈرگەنلىكىڭ ۋە ئۇنىڭغا نېمىنى ئۆگەتكەنلىكىڭگە مەسئۇلدۇرسەن، ئۇمۇ ساڭا ياخشىلىق قىلىش ۋە ساڭا بوي سۇنۇشقا مەسئۇلدۇر.

بالىلارنى ئەدەبلىك چوڭ قىلىشنىڭ بۇنچىلىك مۇھىملىقىنىڭ سەۋەبى بولسا ئەدەبنىڭ ئۆتكۈر ئەقىلنى بەرپا قىلىدىغانلىقى، ئۆتكۈر ئەقىلنىڭ ياخشى ئادەتنى بەرپا قىلىدىغانلىقى، ياخشى ئادەتتىن ياخشى تەبىئەتنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقى، ياخشى تەبىئەت ئىگىسىدىن ياخشى ئەمەلنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقى، ياخشى ئەمەل پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى بارلىققا كەلتۈرۈدىغانلىقى، پەرۋاردىگارىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش بولسا ئەبەدىيلىك بەختكە مۇيەسسەر قىلىدىغانلىقى، ناچار ئەخلاقتىن بۇزۇق ئەقىلنىڭ ، بۇزۇق ئەقىلدىن بولسا يامان ئادەتنىڭ، يامان ئادەتتىن يامان تەبىئەتنىڭ، يامان تەبىئەتتىن يامان ئەمەلنىڭ، يامان ئەمەلدىن اللھ نىڭ غەزىبى ۋە لەنىتىگە ئۇچراشنىڭ ۋە بۇنىڭدىن ئەبەدىي مىراس بولىدىغان خارلىققا قالىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر.

روۋەيىم ئىبنى ئەھمەد ئەلباغدادى ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئوغلۇم! ئەمەلىڭنى تۇزدەك، ئەدەبىڭنى ئۇندەك قىلغىن، يەنى ئەدەبلىكلىكىڭ ئۇندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولسۇن! ھەتتا ئەدەبىڭنىڭ كۆپلىكى تۇزغا نىسپەتەن ئۇننىڭ كۆپلىكىدەك كۆپ بولسۇن! كۆپ ئەدەب بىلەن ئاز ئەمەل قىلىش، ئاز ئەدەب بىلەن كۆپ ئەمەل قىلغاندىن ياخشىدۇر. (بۇ مەزموننى ئىمام ئەلقۇرافى ”ئەلفۇرۇق“ دېگەن كىتابىنىڭ ئۈچىنچى جىلىد 96ـ بېتىدە بايان قىلغان.)

ئىبراھىم ئىبنى ھەبىب ئىبنى شېھىت مۇنداق دېگەن: ئاتام ماڭا: فۇقەھالار ۋە ئالىملارنىڭ يېنىغا كەلگىن، ئۇلاردىن ئۆگەنگىن، ئۇلارنىڭ ئەدەبـ ئەخلاقى ۋە ھىدايىتىدىن قوبۇل قىلغىن، دېگەن ئىدى.

بىر بالىنىڭ ھەدىس ئۆگىنىشتىن بۇرۇن ئەدەب ئۆگىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بولسا بالىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ئۆگىنىش جەريانىدا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەدەبسىز مۇئامىلىلەردە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر.

سەلەپ ـ سالىھلاردىن بەزىسى ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېگەن ئىدى: ئى ئوغلۇم! سېنىڭ ئەدەب ھەققىدىكى بىلىمدىن بىر باب ئۆگەنگىنىڭ مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىلىم بابىدىن يەتمىش باب ئۆگەنگەنلىكىڭدىن ياخشىدۇر.

ئەبۇ زەكەرىيا ئەلئەنبەرى: ئەدەبى بىلەن بولمىغان ئىلىم گويا ئوتۇنى بولمىغان ئوتقا، ئىلىمىي بولمىغان ئەدەب گويا جىسمىسىز جانغا ئوخشاشتۇر، دېگەن.

  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلارغا خاس ئەخلاقلىرىنىڭ تۈرلىرى.

(1) ئات ـ ئانىغا ئەدەبلىك بولۇش.

ئىمام نەۋەۋىي بايانىدا: بالىنىڭ، تالىپنىڭ، ئوقۇغۇچىـ شاگىرتلارنىڭ ئاتـ ئانىسىنى، مۇئەللىم ـ ئۇستازىنى ئىسمى بىلەن چاقىرىشتىن توسۇش، دېگەن مەزموندا مەخسۇس بىر باب ئايرىغان.

ئىبنى سۈننىنىڭ كىتابىدا ئەبى ھۇرەيرە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئادەمنى ئۇنىڭ بالىسى بىلەن كۆرۈپ ئۇ بالىدىن: ”بۇ كىم؟“ دەپ سورىدى. بۇ بالا: ئاتام، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ بالىغا: ”ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭما ۋە ئۇنىڭ تىللىشىغا سەۋەبچى بولما، دېگەن. مانا بۇ ئىمام نەۋاۋىينىڭ ھەدىسكە تەتبىقلىغان شەرھىسى بولۇپ ئۇ: ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئولتۇرما ۋە ئۇنى ئىسمى بىلەن چاقىرما دېگەن.

ئەبى غەسسان ئەددابىدىن رىۋايەت قىلغان قىسسىدە ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن كۈننىڭ تازا قىززىغان چۈش ۋاقتىدا ئاتام بىلەن چىققان ئىدىم، يولدا بىزگە ئەبۇ ھۇرەيرە يولۇقۇپ: بۇ كىم؟ دېدى. مەن: ئاتام، دېدىم. ئۇ: ئاتاڭنىڭ ئالدىدا ماڭما، ئۇنىڭ ئارقىسىدا ياكى يان تەرىپىدە ماڭ! ئىككىڭلارنىڭ ئارىلىقىغا ئادەم كىرگۈزمىگىن، ئاتاڭنىڭ ئۆيىنىڭ ئۈستىدىن ماڭمىغىن، ئۇنى چۈچىتىپ قويۇسەن، سۆڭەك يېمىگىن، بەلكىم ئاتاڭ ئۇنىڭغا قاراپ يېگىسى كېلىپ قىلىشى مۇمكىن، دېدى.

تاجىدىن سەپكىي مۇنداق دېگەن: مەن ئۆينىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتىم، بىر ئىت قاۋاپ كەلدى، مەن ئۇنىڭغا: جىم بول، ئىتنىڭ بالىسى ئىت، دېۋىدىم ئاتام ئۆينىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ماڭا ئاچچىقلىدى. مەن: ئۇ ئىتنىڭ بالىسى ئىت ئەمەسمۇ؟ دېدىم. ئاتام: كەمسىتمەسلىك مەنىسىدا شۇنداق دېسەڭ جائىز بولىدۇ، دېدى. مەن: بۇ پايدىلىق (سۆز)، دېدىم.

تەبەرەنى يەنە ئىبنى ئابباس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ”ئاتا ـ ئانا بالىسىغا ئۇنىڭدىن سۆيۈنگەنلىك نەزىرىدە قارىسا، بالىغا بىر قۇل ئازاد قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.“ دېگەندە ساھابىلار: ئى اللھ نىڭ پەيغەمبىرى! ئەگەر ئۈچ يۈز ئاتمىش كۈن شۇنداق قارىسىچۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئاللاھۇ ئەكبەر!“ دەپ جاۋاب بەردى، دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ.

ئاخىرىدا تەقۋادار ئالىملاردىن بىرىنىڭ بالىنىڭ ئەدەب ـ ئەخلاقنى كەسىپ قىلىشى ئۈچۈن يولغا قويۇدىغان ئاتا ـ ئانىغا ئەدەب بىلەن مۇئامىلىلار قىلىش لازىملىقىدىن ئىبارەت روشەن يولىنى بايان قىلىمىز.

ئىمام بۇخارى ”ئەدەبۇلمۇفرەد“ دېگەن كىتابىدا ۋەلىد ئىبنى نەمىردىن ئۇ ئاتىسىدىن ئاڭلىغان: كونىلار ”تەقۋالىق اللھ دىن ئەدەب ئاتىلاردىن“ دەيتتى دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىدەك بايانىنى كەلتۈرگەن.

بىز يوقىرىدا بالىنىڭ ناھايىتىمۇ ئەدەب ـ ئەخلاقلىق بولۇشى ئۈچۈن ئات ـ ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى تەقۋادار ئالىملارغا يېقىن بولۇشىغا، ئۇلاردىن ئىلىم ئېلىشتىن بۇرۇن ئەدەبـ ئەخلاق ئۆگىنىشىگە تەۋسىيە قىلغانلىقىنى، بالىلارنىڭ ئالىملار بىلەن بىللە بولغاندا ئۇلارنىڭ ئەدەبلىك بولۇشىنى تەلەپ قىلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدۇق.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *