قورساق غېمى
قورساق غېمى
ھېكايە
نۇر مۇھەممەد شۈكران
ئەتەي سىيىتنىڭ بېشى قاتماقتا ئىدى. مانا ئۇ ساۋاقداشلىرىدەك باشلىقلىق ئورنىغىمۇ ئىرىشتى. تېخى ناھيىلىك يېتىم-يىسىرلار پاراۋانلىق ئىشخانىسىنىڭ بۆلۈم دەرىجىلىك باشلىقى. ئۇنىڭ ئەمدى بىرلا قورساق غېمى قالدى. ئۇرۇقلۇقمۇ ئادەمگە دۈشمەن ئىكەن. بۇنداق بولىۋەرسە ھامىنى باشلىقلىق ئورنىنى ساقلاپ قالمىغى تەس بولىدىغاندەك تۇيۇلاتتى. قۇرسىقى يوق ئادەمگە باشلىقلىقمۇ تازا ماس كەلمەيدىكەن. يۇقۇردىكىلەرگە دائىم خۇشامەت قىلىپ تۇرمىسا بۇ كەمگىچە خېيىنى توغرىلاپ بولاتتى. ساۋاقداشلىرى بۇنداق ئورۇنغا ئىرىشىپ بىر نەچچە ئايدا ئالاھىزەل قورساق سېلىپ بوردىغان توپاقتەك بولۇپ كەتكەندى. ئەمما سىيىت تېخىچە سەمىرىمىدى. ئۇنىڭ قىلمىغىنى قالمىدى. سۈرۈشتۇرۇپ ھەممىنى قىلىپ باقتى. كۆڭلىنى توق تۇتۇپمۇ باقتى، ئويۇن تاماشاغىمۇ كىرىشىپ باقتى، چوڭ-يەپ-چوڭ ئىچىپ كىرىلىپمۇ باقتى، ئەقەللىيسى قارنى تويغىدەك پارمۇ يىدى. ئەمما ئۇنىڭ قورسىقىغا بىر جىڭمۇ ئەت قونمىدى. ھەر قېتىملىق ئولتۇرۇشلاردا كىلەڭسىز ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ قىسىلىپ ئورۇق ئىسكىلىتتەك قېتىپ ئولتۇرۇپ ئولتۇرغان.
-ھەي چوكان ئاۋۇ تاياقنى ئوشتىۋەتمەمسىز-دەپ چاخچاق قىلىپ چۆكۈرەتتى بىرى.
-ۋىييەي بۇ بالامنى بىر ئىمىتىپ قوياي ئەمىسە-دەيتى چوكانمۇ بوش كەلمەي.
- ئامبۇردەك قىسىپ ئىششىتىپ قويىڭە سەمىرىپ بىر كۈن يۈرۋالسۇن-دەيتى يەنە بىرى.
-بەدىنى ئوشتۇلۇپ كىتەمۇ بۇ بايقۇشنىڭ-دەيتى چوكانمۇ.
-……….
سىيىت ھىچ ئېچىلالمىدى. سەمىرىيدىغان دورىلارنىمۇ ئىچتى. ئامىرىكىنىڭ، كورىيەنىڭ… قەشقەرنىڭ دورىللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىچىپ باقتى. خوتەننىڭ دوختۇر، تېۋىپلىرىغىمۇ دورا بۇيرۇتتى. ئەمما قىلچە يېڭىلىق يوق. ئىچىدىكى بۇ دەردىنى ھىچ كىشىگە دىيەلمەي تولغاندى. كۆزلىرىدىن ئۇيقۇ قاچتى. ئۆيىدىكى دۇتارنىڭ قورسىقىنى كۆرۈپ غەزىۋى ئۆرتىنىپ چاشلاپ قوپۇپ سېپىدىن تۇتۇپ يەرگە قاتتىق ئۇرۇپ چېقىۋەتتى.
-سىيىت، نېمە بولدىڭىز قوزام؟-دەپ ئەركىلەپ يۈگىرەپ ئىرغاڭشىپ كىردى يان ئۆيدە بىر ئىش بىلەن مەغۇل بولۇپ كەتكەن بودەك ئايالى .
-ئىشىڭنى قىل!-دەپ تېخىمۇ ئاچچىقلىدى ئۇ.
توۋا! ئۇنىڭ ئايالى ئۇ باشلىقلىق ئورنىغا چىققان ئۈچىنجى كۈنى سەمىرىشكە باشلىۋىدى تېخىچە توختاپ قالغىنى يوق. ھازىر بىرگە ماڭسا راستىنلا ئارقىسىدىن قارىغان كىشى ئۇنى بالىسى چېغى دەپ ئويلاپ قالاتتى. بالىسىمۇ شۇنداق بودەك بالا بولدى. ئاتا-ئانىسىمۇ ئۆزىنىڭ قېرىلىقىغا باقماي سەمىرىدى. پەقەتلا سىيىت ئورۇق ئىدى. ئۇنىڭ باشلىقلىققا كۆتىرىلىشى ئۇنىڭ جەددە-جەمەتىگە ئامات ئېلىپ كەلدىمۇ تۇققانلىرى ئۆزىنى تۇتىۋالالماي سەمىرىشتى. نەدىلا بولمىسۇن ئۇنىڭ ماڭغان تۇرغان كىشىللىرى سېمىزلەر بولغاچقا ھامان ئارىسىدا قىسىلىپ قالىدىغىنى سىيىت بولاتتى.
-ئاكا، ئاكا-دەپ ئىشخانىسىغا ئۈسۈپ كىردى ساۋۇر پوق قورساق. ئۇ سېيىتنىڭ نەۋرە ئىنىسى بولۇپ يېقىندا دەرۋازىۋەن قىلىپ ئەكىلىۋاپتى كولخوز ئاشخانىسىدىن چىقماي يەپ گۈپلا سەمىرىپ چوشقىدەك بولۇپ كىتىۋىدى باشقىلار ‹پوق قورساق› دەپ نام بەردى. ئەمما ئۇ پەقەت ئاچچىقلانمىدى. ئەكسىنچە قورسىغىنى سىيلاپ مەغرۇر گىدىيىپ قوياتتى. بۇ ھال سىيىتكە قىلىنغان ھاقارەت بولماي نېمە؟
-ھە نېمە دەيسەن؟ توزان بۇقىدەك ئۈسۈپلا كىرىدىكەنسەن؟ نېمە ئىشىڭ بار؟
-خوشخەۋەر بار.
-قانداق خوشخەۋەر؟-ھەيران قالدى سىيىت.
-ناھيىلىك ئېنتىزام تەكشۇرۇشتىكى نىياز تاز يالغان چاچ ئەكەلدۇرۇپ پاقىراپ يۈرەرمىش. مالىيە ئىدارىسىدىكى تۈردى پاكار يالغان پۇت ئەكەلدۇرۇپ ئېگىز قامەتلىك ئەرگە ئايلىنىپتىدەك. سۇ ئىدارىسىنىڭ ئۆسمەكچى بولغان جىتاق كادىرى نېمىتى؟ ھېلىقى قېييۇم قارىغۇ بىر يالغان كۆز ئېلىپ جاھانغا پاتماي قاپتۇ. كۆزى راس ئادەملەرنىڭكىدەك كۆرىنەمىش. ئۆتكەن يىلى سۈت بىزى راكى بولۇپ كۆكسىنى كەستۇرۋەتكەن پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىدىكى ئاپىدەم سىڭا چاقمۇ يالغان ئەمچەك ساپتۇ. يالغان قىزلىق باركەن دەپ ھەيران قالغاندىم ئەمدى يالغان سۆكىمۇ چىقىپتۇدەك… شۇڭا سىزگىمۇ…ھىجاراپ قورسىقىنى سىيلىدى ساۋۇر پوق قورساق.
-سەن نەدىن ئاڭلىدىڭ بۇنچە گەپلەرنى؟-سوردى قىزقىپ قالغان سىيىت. ئۇنىڭ شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئاغزىدىن يالغان قورساقنىڭمۇ خوش خەۋىرىنى ئاڭلىغۇسى بار ئەلۋەتتە.
-ھەي شۇ دەرۋازىۋەن بولدۇممۇ ھەممەيلەن مېنى بىكارچى دەمدىكىن ھەممە گىپىنى دىيىشىدۇ. تېخى بىر دوختۇرنىڭ دىيىشىچە ئادەم بەدىنىگە سەپلىگىلى بولىدىغان يالغان سۆڭەك، يالغان يۈرەك، يالغان ئۆپكە… بارمىش.
-ئۇنداقتا يالغان قورساقچۇ؟-سوراپ سالدى سىيىت ئىختىيارسىز.
-شۇ مەنمۇ شۇ گەپ بىلەن كىرگەن. سۈرۈشتىسىنى قىلايمۇ؟-دىدى ساۋۇر پوق قورساق ھىجىيىپ ۋە قولىنى ھەركەتكە كەلتۈرۈپ يانفۇنىنى ئىزلىدى. ئاللىقانداق بىر نۇمۇرنى ئۇرۇپ سۆزلەشتى.
-ھە. مەن ساۋۇر. شۇ شۇ دەل شۇ. بىر ئىش باتى سوراي دىگەن. ئەمىسە سوردۇم ھە. يالغان قورساق لازىمدى. ھە ھە. شۇنداق….
ساۋۇر ئېنىق جاۋاپنى تاپتى. قەشقەرلىك بىر ئۇستام ئۇنىمۇ ياسايمىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماق يىسە ئۆزلىگىدىن سەمىرىدىغان، قورساق ئاچسا يېنىشىدىغان قىلىپ ياسايمىش. بۇنداق بولغاندا مېھمان قىلىدىغانلارمۇ قورساققا قاراپ بىلەلەيمىش. ئاچقان-تويغان مەلۇم بولۇپ تۇرارمىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە قورساقتەك ئىلاستىكىلىق بولۇپ راس قورساققا ئوپ-ئوخشاشمىش. تەييار بازاردىن سېتىۋالغان يالغان قورساقلارنىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا ماس كىلىش نىسبىتى تۆۋەنمىش. ماس كەلسىمۇ يۇقارقىدەك ئىقتىدارلار يوقمىش. بۇ قورساقنى ياساش ئۈچۈن ئۇ ئۇستام ئاۋۋال ياساتماقچى بولغان ئادەمنىڭ قورسىقىنى قېلىپقا ئالارمىش…
ئوھۇي… سىيىتنىڭ قورساق مەسىلىسى ھەل بولىۋاتقىنى خۇشاللىق بولسىمۇ بېشىغا غەم ئولاشتى. قورساقنى قېلىپقا ئالدۇرۇش قانداق ئىش. يالغان چىش سالسىغۇ قېلىپقا ئالسۇن، ئەمدى قورساققىمۇ…. ھەي. بۇ نېمە كۆرگۈلۈككىنە. قانداقلا بولمىسۇن ياسىتىش كىرەك.
ساۋۇر بىلەن سىيىت يۇشۇرۇن قەشقەردىكى ئۇستام بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قورساقنى قېلىپقا ئالدۇرۋالدى. ئۇستام بىر تاغار ھاكقا ئوخشاش نەرسىنى سىيىتنىڭ قورسىقىغا پومزەك قىلىپ قاتۇرۇپ چىرايلىق سېمىز قورساقنىڭ شەكلىنى كەلتۇرۇپ ئۇلارنى رازى قىلدى. يەنە 15 كۈندە قورساق پۈتىدىغانلىغىنى دەپ 3000 سوم زاكالەت ئالدى. ئۇلار مەمنۇنىيەت ئىچىدە قايتىشتى. ئىنسى-جىن بىلمەي قالدى.
سېيىت بىر نەچچە كۈنلۈك كاماندۇرۇپكىغا چىقىش بانىسى بىلەن گۈپلا سەمىرىپ ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى. ساۋاقداشلىرىنىڭ ئارىسىدا پۈتلىرى ئىنچىكە كىلەڭسىز بىر بەدەن كۆپىيىپ غازدەك ئىرغاڭشىپ ماڭدى. ناھيىلىك كادىرلار ئىدارىسىنىڭ يۇقۇرغا ئۆسىدىغان كادىرلار تىزىملىكىگە سىيىتنىڭ ئىسمى سىغدالدى. ئىشىرەتخانىدىكى چوكانلار سىيىتنىڭ قورسىقىغا قورساقلىرىنى مەھكەم تاقاپ تانسا ئوينىيالايدىغان بولۇشتى. ئايالى ئۇنى ‹قوزام› دىيىشتىن ئويۇلۇپ ‹ئۆكۈزۈم›گە ئۆزگەرتىۋالدى.
WordPress for Android يانفۇندا يوللانغان