كىتاب ئوقۇش بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچىنى زورايتىدۇ
ئامېرىكىلىق ئالىملارنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى : ‹‹كىتاب ئوقۇش بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچىنى زورايتىپلا قالماستىن ، ئۇلارنىڭ سودا قىلىش ئىقتىدارىنىمۇ كۈچەيتىدۇ . بالىلارغا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھېكايە ئېيتىپ بېرىش ، ئۇلارنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇش ماھىيەتتە بالىلارنىڭ ئىجتىمائىيەتكە ئاسانلا ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىدىغان ياخشى چارە›› .
تەتقىقات دوكلاتىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى :‹‹كىچىكىدىن باشلاپلا ئاتا-ئانىسى كىتاپ ئوقۇپ بەرگەن كىتابقا قۇلاق سېلىپ ئادەتلەنگەن بالىلاردىكى تىل ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتى بەك تېز بولىدۇ، ھەتتا شۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات داۋامىدىمۇ تىل بىلەن ئىپادىلەش ئەۋزەللىكى باشقىلارنىڭكىدىن ياخشى بولىدۇ . بالىلارنىڭ كىتابقا ئامراق بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى ، ئۇلار ھەر قانداق ياخشى كىتابتىن ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشلەر بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ›› . بالىلارغا زادى قانداق ئۇسۇلدا ھېكايە ئېيتىپ بەرسە ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە بولغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە گەپ بولغاندا، مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېيىشتى : ‹‹ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىتاب ئوقۇپ بەرمەكچى بولسا، چوقۇم كىتابنى تەسىرلىك ۋە جانلىق ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. قايتا-قايتا، ئوقۇپ ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى ھەر خىل پېرسوناژلارنى دىيالوگىنى شۇلارغا خاس تاۋۇشتا ئىپادىلەشكە تىرىشىشى لازىم.