رۇزىكام يازغانتى دېھقان بولماق تەس،
‏بەزىلەر دىيىشتى ئۇيغۇر بولماق تەس،
‏ئاياللار قاقشايدۇ خوتۇن بولماق تەس،
‏دېھقانمۇ، ئۇيغۇرمۇ،خۇتۇنمۇ ئەمەس،
دۇنيادا ھەممىدىن مۇسلىم بولماق تەس.

‏دېھقاننىڭ بەزىسى داچىلار سالدى،
‏قىشمۇ-ياز قازناققا بۇغدايلار تولدى،
‏باللىرى يەپ ئىچتى، قورسىقى تويدى،
‏دېھقانمۇ گۆش يىدى، ماشىنغا چىقتى،
‏دەيمەنكى دۇنيادا مۇسلىم بولماق تەس.

ئۇيغۇرمۇ نۆۋەتتە دۇنياغا باقتى،
‏ئىستىلى تۈز بولسا باشلىققا ياقتى،
‏رېستۇران دىبادا  ئويناپمۇ باقتى،
‏پۇل ئۈچۈن بەزىسى ۋىجداننى ساتتى،
‏ئۇيغۇرلۇق تەس ئەمەس مۇسلىم بولماق تەس.

‏جاھاننىڭ ئىشلىرى تەرەققى قىلدى،
‏توڭلاتقۇ، كىر ئالغۇ ئۆيلەرگە كىردى،
‏نان يېقىش، ئۆي قېقىش  ئەمدى قالمىدى،
‏خۇتۇنلار بىكارچى  چايغا ئاتلاندى،
‏ئەمدىكى نۆۋەتتە مۇسلىم بولماق تەس.

‏مۇسۇلمان  تەقۋا بوپ ياشىسا تېخى،
‏دىنىنى چىڭ تۇتۇپ ماڭمىسا تېخى،
‏يات مىللەت كۆڭلىگە ياقمىسا تېخى،
‏بۆلگۈنچى، تىرورچى ئاتالسا تېخى‏،
‏دۇنيادا ھەممىدىن مۇسلىم بولماق تەس‏‏‏.

‏«‏ مۇسۇلمان رادىكال يۈرەر ھەركەتتە ،
ئېھتىيات قىلايلى ھەممە بىرلىكتە‏ »،
ئېنتىرنىت خەۋەردە تۇقۇپ سەپسەتە،‏
ئەيىپىڭنى ئىزدەيدۇ دۇنيا ئۆملۈكتە،‏
‏دۇنيادا ھەممىدىن مۇسلىم بولماق تەس

‏‏مۇسۇلمان خەتەرلىك دائىم ئەسەبى،
‏ئوي-پىكرى بولىدۇ پەقەتلاسەلبى،
ئىدىيە زەھەرلىك رەھىمسىز قەلبى،
‏ھەر قاچان يۈز بېرەر خەۋىپ-خەتىرى،
‏دۇنيادا ھەممىدىن مۇسلىم بولماق تەس.
‏‏‏‏‏
‏‏سۈننەتنى چىڭ تۇتقان بۇلۇر ئەسەبى،
‏بىدئەتنى يوقاتساڭ دەيدۇ ۋاھابى،
شىيئە بول ۋە ياكى ئىلىمسىز سوپى،
‏شۇندىلا خۇش بۇلار ھەممە بىدئەتچى،
‏دۇنيادا ھەممىدىن مۇسلىم بولماق تەس‏.

‏‏‏ھىجاپلىق ھەمشىرەم يىغلاپ بەرمەكتە،
‏مەلئۇنلار قول سېلىپ يىرتىپ كەسمەكتە،
‏مەھرەمسىز مەجبۇرى ئېلىپ كەتمەكتە،
‏‏ئۆزگىلەر يۇرتىدا تېنەپ يۈرمەكتە،
‏دۇنيادا ھەممىدىن مۇسلىم بولماق تەس.

‏مۇسۇلمان ھەريەردە ئازاپلار تارتسا،
‏ئۆلتۈرسە سولىسا زىنداندا ياتسا،
‏پەلەستىن، سۈرىيە قەتلىئام بولسا،
‏دۇنيانىڭ كۆزى كور گاس-گاچا تۇرسا،
‏ۋەللاھى دۇنيادا مۇسلىم بولماق تەس.
‏‏‏
‏مۇسۇلمان ھەر دائىم سەۋرىچان بولار،
‏قاراڭغۇ زۇلمەتكە مەشئەللەر ياقار،
‏دىنىنى چىڭ تۇتۇپ ھەق يولدا ماڭار،
‏گوياكى بىر چوغنى قاماللاپ تۇرار،
‏دۇنيادا ھەممىدىن مۇسلىم بولماق تەس.

پىكىر مەزمۇنى

ئىسمى :

تور بىكەت ئادىرسى :

رازىمەن تورى

/ تىز كونۇپكا : Ctrl+Enter