‹‹ياق!›› دېيىشكە جۈرئەت قىلىش

يوللانغان ۋاقتى : 2013-02-28 / سەھىپە تۈرى : كومپيوتېر / كۆرۈلىشى : 256 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

دوستۇم ماڭا مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى:
ھانىسنىڭ خىزمەتكە قاتناشقىنىغا ئانچە ئۇزاق بولمىغان بولۇپ، ھاممىسى ئۇنى يوقلاپ كەپتۇ. ھانىس ھاممىسىغا ھەمراھ بولۇپ بۇ كىچىك شەھەرنى ئايلاندۇرۇپتۇ. ئاخىرى تاماق ۋاقتى بولۇپتۇ.
ھانىسنىڭ يېنىدا بار-يوقى 20 دوللارلا قالغان بولۇپ، ئۇ مۇشۇ پۇلىنى سەرپ قىلىپ بۇ ئامراق ھاممىسنى كۈتۈۋالماقچى بولۇپ، ئۇنى كىچىك ئاشپۇزۇلغا باشلاپلا ئاددىي غىزالاندۇرماقچى بوپتۇ، بىراق ھاممىسى ناھايىتى ھەشەمەتلىك بىر رېستۇرانغا كىرىشنى تاللاپتۇ. ھانىسمۇ ئامالسىز ھالدا ئۇنىڭغا ئەگشىپ كىرىپتۇ.
ئىككىيلەن ئورۇنغا جايلاشقاندىن كېيىن ھاممىسى قورۇما بۇيرۇيدىغان چاغدا ھانىستىن سورىغانىكەن، ھانىس دۇدۇقلىغان ھالدا:
ـــ ئىختىيارىڭىزچە بۇيرۇۋېرىڭ، ـــ دەپتۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ يانچۇقىغا سېلىۋالغان قوللىرى بىلەن ھېلىقى 20 دوللارنى مەھكەم سىقىمدىۋاپتۇ. ‹‹بۇ پۇل ھەرگىزمۇ يەتمەيدۇ، قانداق قىلىش كېرەك؟››
بىراق ھاممىسى ھانىسنىڭ بىئاراملىقىغا قىلچىمۇ دىققەت قىلماي توختىماستىن تاماق-قورۇمىلارنىڭ مەززىلىكلىكىنى ماختاۋېرىپتۇ، مەيلى قانداق تەمدىكى بولسۇن، ھانىس ھېچنېمە يېگىلى ئۇنىماپتۇ.
ئاخىرقى دەقىقىلەر يېتىپ كەپتۇ، كۈتكۈچى ئەدەب بىلەن ھېسابات تالونىنى ھانىسقا تەڭلەپتۇ، ھانىس ئاغزىنى ئاچقىنىچە نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي ھاڭقىيىپ تۇرۇپلا قاپتۇ.
ھاممىسى ئىللىققىنە كۈلۈپتۇ، ئۇ ھېسابات تالونىنى ئېلىپ پۇلنى كۈتكۈچىگە بېرىۋەتكەندىن كېيىن ھانىسقا تىكىلىپتۇ:
ـــ يىگىت، مەن سېنىڭ كەيپىياتىڭنى بىلىمەن، مەن سېنىڭ ‹‹ياق!›› دېيىشىڭنى كۈتكەنتىم، سەن نېمىشقا «ياق!» دېمەيسەن؟ بىلىشىڭ كېرەك: بەزى چاغلاردا بۇ گەپنى قەتئىيلىك بىلەن ئېغىزدىن چىقىرىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك، بۇ ئەڭ ياخشى تاللاش. مېنىڭ بۇ قېتىم يېنىڭغا كېلىشىممۇ ساڭا دەل مۇشۇ قائىدىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئىدى.

ئابدۇروسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ تەرجىمىسى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *