قۇلاق كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتىكى ئەپچىل چارىلەر
* پىيازدىن سىقىپ چىقىرىلغان سۇنى قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق ئىچىدىكى جارائەتلەرگە، قۇلاق غۇڭۇلداشقا ۋە قۇلاق ئېغىرلىقىغا شىپا بولىدۇ .
* قۇلاققا ھاشارەت كىرىپ كەتكەندە، ئازراق مايغا كاۋاۋىچىن پاراشوكى سېلىپ قۇلاققا تېمىتسا، ھاشارەت ئۆزلىكىدىن چىقىپ كېتىدۇ .
* ئارپابەدىياندىن 24 گرام چالا سوقۇپ، ئۇنى بىر كىلوگرام سۇ بىلەن قاينىتىپ قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق ئاغرىقى توختايدۇ .
* بەدىياندىن 6 گرامنى چالا سوقۇپ، 250 گرام سۇدا قاينىتىپ، 60گرام قالغاندا 250 گرام كالا سۈتى،12 گرام كالا يېغى ۋە مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر قوشۇپ، ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر نەچچە كۈن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، مېڭىنى كۈچلەندۈرۈپ، قۇلاق ئېغىرلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
* كۆكنار گۈلىنى سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى كۈنجۈت يېغى بىلەن قاينىتىپ، ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان كۆكنار يېغىنى قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە ھەر خىل قۇلاق كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. (مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان)