مەڭنىڭ راكقا ئايلىنىشىدا ئالدىن كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر
مەڭ مەڭ ھۈجەيرىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تەبىئىي پەندە پىگمېنتلىق مەڭ ياكى خال، دەپ ئاتىلىدۇ. مەڭنىڭ راكقا ئايلىنىشى كىشىلەر ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدىغان مەسىلە. قانداق مەڭلەرنىڭ راكقا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن؟
1. مەڭنىڭ ئۈستى بۇزۇلۇپ قان – سېرىق سۇ ئېقىپ، ياللۇغلانسا؛
2.مەڭ تۇيۇقسىزلا يوغىناپ رەڭگى بىردىنلا قېنىقلاشسا؛
3. مەڭنىڭ ئەتراپىدا ئۇششاق قىزىل قاپارتمىلار پەيدا بولسا ياكى مەڭ ئەتراپىدا ئاغرىش، قىزىش ۋە قىچىشىش كۆرۈلسە؛
4. تۈكلۈك مەڭنىڭ تۇيۇقسىزلا ھېچقانداق سەۋەبسىز تۈكى چۈشۈپ كېتىشتەك ئەھۋال كۆرۈلسە.
يۇقىرىقىلار مەڭنىڭ راكقا ئايلىنىشىدا ئالدىن كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر. بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە بالدۇرراق داۋالىنىش كېرەك. تەكشۈرگەندە توغرا مۆلچەرلىيەلمەي قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەڭنى ھەرگىز يېنىكلىك بىلەن كېسىپ ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ.