روھسىزلانسىڭىز كالىي تولۇقلاپ بېرىڭ
يازدا كۆپ تەرلەش بىلەن بەدەندىكى كالىي خوراپ ، روھسىزلىنىش، چارچاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. يازدا ئىشتىھا تۇتۇلۇشمۇ كالىينىڭ كەمچىل بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا تۆۋەندىكىدەك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بېرىڭ:
بانان، ئاپېلسىن، ئۈزۈم، تاۋۇز قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە كالىي مول بولۇپ، ئۇلارنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا كالىي تولۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
* كۈندە بىر ئىستاكان سۇس دەملەنگەن چاي بىلەن ئاپېلسىن شەربىتى ئىچىپ بېرىڭ، كۆممىقوناق، تاتلىق تەرەڭگى قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەڭ. ‹‹ ماتېرىيال››دىن
ئالدىنقى تېما : مەڭنىڭ راكقا ئايلىنىشىدا ئالدىن كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر