ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ
ئىسلام دىنى ئائىلە قۇرۇشنى، ئىسلام مىللىتىنىڭ قۇدرەت تېپىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە رىقابەتچى كۈچلەرنىڭ ئالدىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى يولىدا ئالاھىدە رول ئوينايدىغان، مۇھىم بولغان سىياسىي غايىلەرنىڭ ۋاسىتىسى دەپ قارايدۇ.ئىسلام جامائىتى مۇشرىك ۋە زالالەت كۇچلىرىگە نىسبەتەن دېڭىزدىن بىر تامچە بولغان ھالدا باشلاندى. مۇشرىكلەر سان، بايلىق ۋە كۈچ جەھەتتە مۇسۇلمانلاردىن ئالاھىدە ئارتۇق ئىدى. ئولار ھەر پۇرسەتتە بۇ يېڭى دىننى بۇشىكىدىلا بوغۇپ قويۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرشاتتى. مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ئۇلارغا قارشى ئۆزلىرىنى ھەرجەھەتتىن يېتشتۇرۇشىگە توغرا كېلەتتى.
ئۇلار روھىي ۋە ماددىي تەرەپلەردىن كۈچلىنىشنىڭ ئۇنسۇرلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇھتاج ئىدى. ھەقىقەتەن روھىي قۇۋۋەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئۇنسۇرى ئاللاھقا بولغان ئىماندا چىڭ تورۇش، ماددىي قۇۋۋەتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئۇنسۇرى دىنىنى، ۋەتىنىنى قوغداش يولىدا غازاتلارغا چىداملىق بولغان ئەرلەر ئىدى. ئىسلام تارىخىنى ئوقۇغان كىشى ئىسلام دىنىنىڭ ئىپتىدائى دەۋرلىرىدە ئۆزلىرىدىن ھەسسىلەپ كۆپ ۋە كۈچلۈك بولغان مۇشرىك قەبىلىلىرىنىڭ ۋە شۇ ۋاقىتلاردا دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىمپىراتۇرلۇقلىرىدىن سانىلىدىغان رۇم ۋە پارس ئىمپىراتۇرلۇقلىرىنىڭ ئالدىدا قانداق قەد كۆتۈرۈپ تورالىغانلىقى ۋە ئاخىرىدا ئۇلارنى قانداق يەڭگەنلىكىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغىنىدا، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگەنلەرنىڭ سانى ـ ئەر ـ ئايال بولۇپ، ئىمۆم شافىئىنىڭ رىۋايىتىگە كۆرە، ئاتمىش مىڭ كىشى، ئىمۆم رازىنىڭ رىۋايىتىگە كۆرە، بىر يۈز يىگىرمە مىڭ كىشى ئىدى. بۇلارنىڭ كۆپلىرى مۆرتەد(دىندىن يېنىۋالغان) لەرگە قارشى ئۇرۇش، تاشقى دۇشمەنلەرگە قارشى ئۇرۇشلار ۋە ئىبنى سەبە ئىسىملىك يەھۇدىينىڭ پىتنىسى بىلەن باشلانغان ”جەمەل“ ۋە ”سىففەيىن“ ئۇرۇشلىرىدا شېھىت بولۇپ تۈگەشتى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئۆز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مۇبارەك نەسىللىرى مىڭلاپ، يۈز مىڭلاپ كۆپىيىشى ۋە ئاتىلىرىنىڭ باتۇرلۇقلىرىنى، قەيسەرلىكلىرىنى ئۆزلىرىگە مىراس قىلىشى نەتىجىسىدە، ئۇلار كۆپ سانلىق دۈشمەنلەر ئالدىدا ئۆز سانلىق بولۇپ قالمىدى، كۆچەيدى ۋە ئاخىرىدا ئۈچ قىتئەدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزەلىدى.
بۇ غەلىبىنىڭ سىرلىرىدىن بىرى شۇكى، يۇقىرىقى مۆمىنلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ” ئۆيلىنىڭلار! مەن قىيامەت كۈنىدە باشقا ئۇممەتلەرنىڭ ئالدىدا، سىلەرنىڭ كۆپلىكىڭلاردىن پەخىرلىنىمەن. سىلەر خرىستىئانلارنىڭ راھىبلىرىدەك (ئۆيلىنىشتىن باش تارتىدىغان) بولماڭلار“ (بەيھەقىي رىۋايىتى) دېگەن مۇبارەك ھەدىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرگەن كىشىلەردۇر. مۇسۇلمانلاردىكى ئۆيلىنىش ئارقىلىق كۆپىيىش ئۇلارنى ئۆز سانلىقتىن كۆپ سانلىققا، ئاجىزلىقتىن قۇدرەتكە، نامراتلىقتىن بايلىققا ئېلىپ چىقتى ۋە ئۇلارنىڭ نەسىللىرىنىڭ تا قىيامەتكىچە داۋام قىلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە رولىنى كۆرسەتتى.
ھازىرقى كۈندە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى بىر مىليارتتىن ئاشقان بولسىمۇ، يەنىلا باشقا دىندىكىلەرنىڭ سانىغا نىسبەتەن ئۆزدۇر، شۇڭا ئۇلار رىقابەتچى كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە مۇسۇلمانلىق سۈپىتى بىلەن ھۆر ياشاشلىرى ئۈچۈن كۆپىيىشتە، كۈچلىنىشتە يەنىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا ئىنتايىن مۇھتاجدۇر.