ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش رولىغا ئىگە كۆكتاتلار

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-11 / سەھىپە تۈرى : خانىم- قىزلار / كۆرۈلىشى : 131 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

نۇرغۇنلىغان ئوزۇقلۇقشۇناسلار ۋە ھۆسن تۈزەش مۇتەخەسىسلىرى كىشلەرگە كۆكتاتنى كۆپ يەپ بېرىشنى ئەسكەرتىدۇ. كۆكتاتنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان ۋىتامىنلار ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بار .كۆكتاتلارنى كۆپ يەپ  بەرسە  قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئىشقارلىق دەرىجىسىنى ئاشۇردۇ .تېرىنى ساغلاملاشتۇرۇپ گۈزەللەشتۈردۇ .ئۇنىڭدىن باشقا بەزى كۆكتاتلارنىڭ ئالاھىدە تېرە ئاسراش رولى بار .  تۆۋەندە ھۆسن تۈزەش رولىغا ئىگە بىر نەچچە تۈرلۈك كۆكتات تونۇشتۇرۇلىدۇ.

1  .  تەرخەمەك

تەرخەمەكنىڭ تېرىنى قورۇش ۋە قورۇق يوقىتىش رولى بار بۇلۇپ، تېرىسى قارا ئادەملەرگە نىسبەتەن ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولدۇ .يەنى ھەر كۈنى ئەتىگىنى يۈز يۇيۇشتىن ئىلگىرى تەرخەمەكنى يالپاق توغراپ يۈزگە سۈركەپ،بىر نەچچە مىنۇت تۇرغۇزۇپ يۇيۋەتسە يۈزدىكى قارا داغلارنى چۈشۈردۇ.

2. شوخلا

1)    شوخلا

شىرنىسىگە ئازراق ئاق ھەسەل ئارلاشتۇرۇپ يۈز،قول ۋە بىلەككە سۈركىسە تېرىنى ئاقارتىدۇ ۋە يۇمشاق قىلىدۇ . بولۇپمۇ دانىخورەك چىققان يۈزگە ئىشلەتسە يۈزدىكى ماينى تۈگتىپ ،يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
2) ئىسسىق سۇ بىلەن يۈزنى سوپۇنلاپ يۇيۇپ ،پاكىز سۈرتكەندىن كېيىن چالا پىشقان پەمدۇرنى سىقىپ سۈينى چىقىرىپ ،يۈزگە سۈركەپ يېرىم سائەتتىن كېيىن پاكىز سۇدا يۇيۇۋەتسە ۋە شۇ تەرىقىدە ئەتگەن ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن سۈرتسە يۈزنى پارقىراق،نۇرلۇق قىلدۇ .

3. كاۋا

كاۋا قورۇق يوقىتىدىغان ۋە تېرىنى سىلىقلاشتۇردىغان ياخشى كۆكتات .

1) كاۋىنى قىرىپ ،شىرنىسىنى چىقىرىپ، ئازراق ھەسەل ۋە سۇ قوشۇپ يۈزگە سۈركەپ يېرىم سائەتتىن كېيىن يۇيۇپ ،بۇ خىل ئۇسۇلنى ھەپتىدە 5 ~ 3 قېتىمغىچە داۋاملاشتۇرغاندا ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولدۇ .

2)كاۋىنى ئاقلاپ،ياپىلاق توغراپ ،ئۇنىڭغا تەڭ مىقتاردا سۇ ۋە سېرىق ھاراق قوشۇپ ئېزىپ،مەلھەم بولغۇچە قاينىتىپ، ھەر كۈنى كەچتە يۈزىگە سۈركەپ،ئەتىسى ئەتىگەندە يۇيىۋەتسە بولىدۇ.  3) ئاچچىق كاۋىنى ئېزىپ، شىرنىسنى چىقىرىپ ،تېرىگە سۈركىسە ھۆل تەمرەتكىنى يوقىتىپ، قۇرت ئۆلتۈردۇ.تەمرەتكىنى داۋالاپ قىچىشىشنى تۈگىتىدۇ.

4. ياڭيۇ

ياڭيۇنى ئاقلاپ ئەزگەندىن كېيىن ،تۇخۇم سېرىقى بىلەن سۈت ئارلاشتۇرۇپ ،ئۇماچسىمان ھالەتكە كەلتۈرۈپ ،ئاندىن مۇۋاپىق دەرجىدە قىزىتىپ،ئۇنى يۈزگە سۈركەپ 20 مىنۇتتىن كېيىن پاكىز سۈ بىلەن يۇيۇۋەتكەندە قۇرغاق تېرە يۇمرانلىشىپ ،سىلىقلىشىپ، ئىلاستىكىىلىققا ئىگە بولدۇ .

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *