ئىدىيە

يوللانغان ۋاقتى : 2012-09-23 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 123 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئىدىيە

كۆپ قىلغان ئاز قىلغاندىن، بالدۇر كەلگەن كېچىكىپ كەلگەندىن ئېشىپ كېتىدۇ. قىلغان ئىشىڭىزنى ۋىجدانەن ئەيىبلەش، قىلىش ئالدىدىكى ئىشلىرىڭىزغا قارىغاندا سىزنى بەكراق ئازابلايدۇ.
سىز ھەر دورام سۆزلىمەك بولغىنىڭىزدا، ئاۋۋال سەل توختاپ تۇرۇپ ئوبدان ئويلىۋېلىڭ: دېمەكچى بولغانلىرىڭىز دېيىشكە ئەرزىمدۇ-يوق؟
ئەگەر، سىز ئۆز تېنىڭىزدىكى شەھۋانىي قۇتراشلارنى باسالمىغان بولسىڭىز، ئۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم، بىردىنلا غىل-پال ئەقىل كەچكەندە، ئۇنى ئەسلى توسۇپ قالالىسىڭىزمۇ دەررۇ تىزگىنلىمىگەنلىكىڭىزدىن بولغان بولىدۇ.
سىز روھىڭىز چۈشۈپ كەتكەن ياكى روھىي كەيپىياتىڭىز ئەڭ ناچارلاشقان ۋاقتىدا، بۇنى بىر كېسەللىك دەپلا بىلىڭ. بۇ چاغدا، سىز كۆپ ھەرىكەت قىلماڭ، ھەرقانداق ئىشنى قىلماي تۇرۇڭ، پەقەت روھىي ھالىتىڭىزنىڭ ياخشىلىنىشىنىلا كۈتۈڭ.
9-ئاينىڭ 23-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *