ئادەم بولۇشتىكى يەتتە پەزىلەت

يوللانغان ۋاقتى : 2013-04-15 / سەھىپە تۈرى : تۇرمۇش / كۆرۈلىشى : 195 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئادەم بولۇشتىكى يەتتە پەزىلەت
شىڭ يۈن

    پەسكەش كىشىلەر ئۆزىنىڭ گۇناھىنى باشقىلاردىن كۆرۈپ، تەڭرىدىن نالە قىلىپ، بەندىدىن رەنجىيدۇ؛
    ئالىيجاناب كىشىلەر باشقىلارنىڭ گۇناھىنى ئۆزىنىڭ گۇناھى دەپ قاراپ، خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىدۇ.
    كىشىلىك مۇناسىۋەتتە «پەزىلەت» بولمىسا بولمايدۇ. «پەزىلەت» بولمىسا، رېئاللىقتىن يىراقلىشىپ، ۋىجدانىمىزغا قارشى ھەرىكەت قىلغان بولىمىز. ئادىمىي پەزىلەت – شەخسىي ھايات قىممىتىزنى ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ، پەزىلەتلىك ئادەم بىلىملىك ئادەمدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ؛ ئەخلاقلىق ئادەم قابىلىيەتلىك ئادەمدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇڭا ئادەم بولۇشتا پەزىلەتكە، ئىش قىلىشتا سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. «پەزىلەت» بولغاندىلا ياشاش پوزىتسىيەسىنىڭ ئاقىلانىلىكىنى ۋە ئەخلاقلىقىنى نامايان قىلغىلى، تۇرمۇشنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىجاد قىلغىلى بولىدۇ.
    ئادەتتىكى كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپىنچە ئاتالمىش تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، ساغلاملىق بۇيۇملىرى، ھەتتا تۈرلۈك داۋالىنىش زاپاس بۇيۇملىرى قاتارلىقلارغىلا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كىشىلىك ھاياتنىڭ يەنە بىر مەنىۋى قاتلىمىدا تۈرلۈك «ئوزۇقلۇق ماددىلار» نىڭ بولۇشى تېخىمۇ زۆرۈر. مەسىلەن:
    ئەدەبلىك بولۇش – كېرەكلىك بۇيۇم: بەزى ئادەملەرنىڭ سۆز – ھەرىكىتى، يۈرۈش – تۇرۇشى.
    ھەمىشە قوپال ۋە شاللاق بولسىمۇ، ئۆزىگە نىسبەتەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما باشقىلار بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. بۇنىڭ نادان ۋە گۈدەكلەرچە قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمايدۇ. ئەدەبلىك بولۇش – ئادەم بولۇشتىكى كېرەكلىك بۇيۇم، ئەدەبلىك بولغاندىلا باشقىلارنىڭ قەدىرلىشىگە ۋە مۇھەببىتىگە سازەۋەر بولغىلى بولىدۇ.
    ئېتىقاد – تەمىنات بۇيۇمى: كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەرقانداق ئادەم مەيلى خىزمەت، ئائىلە ۋە دوستلۇق جەھەتتە بولسۇن، ئازدۇر – كۆپتۇر توسالغۇغا، ئۇقۇشماسلىققا ۋە چىگىش ئىشلارغا دۇچ كېلىدۇ. بۇ چاغدا مەنىۋى كۈچ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەمما ئېتىقاد – ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى ئەڭ ياخشى تەمىنات بۇيۇمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. توغرا بولغان ئېتىقاد جىسمانىي ۋە روھىي تەرەققىياتقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى توغرا نۇقتىئىينەزەرنى يېتىلدۈرىدۇ.
    ئىقتىدار – زاپاس بۇيۇم: سەي قورۇشنى بىلىش، يېزىقچىلىقنى بىلىش، رەسىم سىزىشنى بىلىش، مەمۇرىيەتنى بىلىش، پىلانلاشنى بىلىش، نۇتۇق سۆزلەشنى بىلىش، ھەتتا مۈشكۈل ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشنى بىلىش، ئىجادىي تەپەككۇر قىلىشنى بىلىش، تەتقىق قىلىشنى بىلىش، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىقتىدار ھېسابلىنىدۇ. ئادەمدە ئىشلەتمىگەن تەقدىردىمۇ ئىقتىدار بولۇشى كېرەككى، ھەقىقىي ئىشلىتىدىغان چاغدا كۆزنى پارقىرىتىپ تۇرغاننىڭ ئورنىغا ئىقتىدار بولمىسا ھەرگىز بولمايدۇ.
    لەۋزىدە تۇرماسلىق – چەكلەنگەن بۇيۇم: ئادەمدە پۇل ۋە مەرتىۋە بولمىسا، بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس. ئەمما، ئادەم ئەگەر ئىناۋەتنى يوقىتىپ قويسا، ھەرقانچە پۇل تاپقان تەقدىردىمۇ، ئۇ پەقەت ۋاقىتلىق ئىش بولۇپ، ھەرقانچە پۇل خەجلەپمۇ قايتۇرۇپ كېلەلمەيدۇ. ئىناۋەت – كىشىلەرنىڭ ئەڭ زور بايلىقى بولۇپ، ئۇنى ھەرگىزمۇ يۈتتۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ.
    تاقەتسىزلىك – چالا ئىشلەنگەن مەھسۇلات: ئادەم تاقەتلىك بولغاندىلا ئاندىن چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. بەزىلەر باشقىلارغا گەپ ئاچقاندا تاقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزئارا ئارازىلىقنى پەيدا قىلىدۇ؛ بەزىلەر ئىش قىلغاندا تاقەتسىزلىك قىلغاچقا، قىلغان ئەمگىكى بىكارغا كېتىدۇ؛ بەزىلەر بىر تىنىققا پايلىيالماي ئەجرى يوققا چىقىدۇ. شۇڭا، ئادەم بولۇشتا سەۋرچان بولۇش كېرەككى، ھەرگىزمۇ بىردەملىك ئىشقا ئالدىراپ كەتمەسلىك كېرەك.
    ئاچچىقلىنىش – زەھەرلىك بۇيۇم: مېدىتسىنا تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئادەم دائىم ئاچچىقلانسا، بەدىنىدە ئاسانلا توكسىن (زەھەر) پەيدا بولىدىكەن. ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ، توكسىن بەدەنگە سىڭىپ، كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ئادەم بولۇشتا ئاچچىقلىنىش ۋە غەزەبلىنىشتىن ساقلانغاندىلا، تەن ساقلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
    نام چىقىرىش – زىننەت بۇيۇمى: نام چىقىرىش تىرىشىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسا ھەمدە ياخشى نام ئارقىلىق باشقىلارغا ياردەم قولىنى سۇنسا، بۇنىڭ يامىنى يوق. بىراق نام – ئابرۇيغا ئىگە بولۇۋېلىش ياكى شۆھرەتپەرەسلىك ئۈچۈن نام چىقارسا، بۇنداق ياخشى نامنى مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.
    نام چىقارغان ئادەم خۇددى گىرىم قىلىشنىلا بىلىپ، ئىچكى جەھەتتىن تەربىيەلىنىشكە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئادەمدۇر؛ يەنە پۇزۇر ياسىنىۋالسىمۇ، ئەمما ئىچى ئاچكۆزلۈك، غەزەب، دۆتلۈك، ئەسەبىيلىك بىلەن تولغان ئادەمدۇر. بۇنداق كىشىلەر ئادەتتە، «تېشى پال – پال، ئىچى غال – غال» كېلىدۇ.
    ھەرقانداق ئىشتا سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، مەھسۇلات سۈپىتى قانچە ياخشى بولسا، شۇنچە چىداملىق بولىدۇ. ئوخشاشلا، ئادەم بولۇشتىمۇ ئەخلاق – پەزىلەت بولغاندىلا ئاندىن مەزمۇت ھالدا پۇت دەسسەپ تۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم ئىنتايىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ۋە ئىنتايىن كۆپ بىلىمگە ئىگە بولۇپ، ئەمما ئادەم بولۇشتا مەغلۇب بولسا، ئۇ پەقەت يۈزەكى شەرەپلا ھېسابلىنىپ، مەدھىيەلەشكە ۋە ماختاشقا ئەرزىمەيدۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *