بەخىت ئۇ مەڭگۈلۈك تېما

يوللانغان ۋاقتى : 2014-05-18 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 124 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20140518-234339-85419144.jpg

بەخىت – بەخىت ئۇ مەڭگۈلۈك تېما ،دۇنيادىكى ھەممە ئىنسانلار بەخىتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ياشايدۇ.

‏ھەر بىر ئادەمنىڭ بەخىتكە بولغان كۆز-قارشى ئوخشاش بولمايدۇ ،لېكىن ئورتاقلىقى شۇ يەردىكى خۇشاللىق ۋە خاتىرجەملىكتۇر .نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىنى بەخىتسىز بولۇپ قالدىم دەپ ئازاپلىنىدۇ ،

‏ئۇلار راستىنلا بەخىتسىزمۇ ؟ ياق ! ئۇلار بەخىتسىز ئەمەس ،پەقەت ئۇلارنىڭ بەخىتكە بولغان كۆز قارشى توغرا بولمىغان خالاس ، مەسىلەن : ئۇلار دائىم ئۆزىنىڭ كەمچىللىكى بىلەن باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سېلىشتۇرۋالىدۇ ،بەخىتنى نوقۇل ھالدا پۇل-بايلىق،نام-شۆھرەت،ھوقۇق-مەرتىۋە دەپ قارۋېلىشتۇر . ئەمىسە ھەقىقى بەخىت قانداق بولىدۇ ؟ بەخىت ئۇ بىر تۇيغۇ، رازىمەنلىك تۇيغۇسى، ئۆتمۈشىدىن پۇشايمان قىلماسلىق،

‏كەلگۈسىگە ئۈمۈدۋار بولۇش ،ھازېرىدىن رازى بولۇش ھەقىقى بەخىتتۇر . ئۆزىڭىزنى بەخىتلىك قلماقچى بولسىڭىز ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىڭ،ئۆزىڭىزنىڭ ياقتۇرىدىغان ئىشنى قىلىڭ شۇندىلا ھازېرقى ۋاقتىڭىزدىن راز بولىسىز ،

‏كەلگۈسىدە پۇشايمان قىلمايسىز ، يەنە بىرگە دۇنيادىكى چوڭ-كىچىك ھەرقانداق ئىشنىڭ ھىكمەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، بۇ دۇنيانىڭ بىر كەم دۇنيا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىڭ .

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *