سامسۇڭ GALAXY S4 يانفونى بۈگۈن رەسمىي ئېلان قىلىندى
بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى،سامسۇڭ شىركىتى ئامېرىكىنىڭ نىيۇيوركتىكى دەۋىر مەيدانىدا يېقىندىن بېرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان 4-ئەۋلاد GALAXY S يۈرۈشلۈك يانفونى-سامسۇڭ GALAXY S4 نى رەسمىي ئېلان قىلدى.سامسۇڭ شىركىتىنىڭ GALAXY S4 يانفونى مەزكۇر شىركەتنىڭ 2013-يىلى بازارغا سالغان ئەڭ كۈچلۈك،شۇنداقلا ھەرقايسى جەھەتلەردىكى سەپلەنمىلىرىمۇ بايراقدارلىق دەرىجىسىگە يەتكەن بۇ يانفونىنىڭ كەلگۈسى بازىرىغا ناھايىتى زور ئۈمىد باغلىغان ئىدى.سامسۇڭ شىركىتىنىڭ بۇ يانفونى بۇ يىلنىڭ 2-پەسلىدە رەسمىي سېتىلىشقا باشلايدىكەن.
سامسۇڭ GALAXY S4 يانفونىغا مەزكۇر شىركەت بۇ يىلنىڭ يىل بېشىدا ئېلان قىلغان 1.8GHz لىق Exynos 5410 سەككىز يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ،2GB RAM لىق ئىچكى سىغىم ساقلاش بوشلۇقى سەپلىنىلگەن بولۇپ،بۇ يانفون ئەڭ يېڭى Android 4.2.1 مەشغۇلات سېستىمىسىدا خىزمەت قىلىدۇ.سامسۇڭ GALAXY S4 يانفونىغا يەنە 4.99 دىيۇملۇق 1080P يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى Super AMOLED HD ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ،بۇ يانفون ئېكرانىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ئالدىنقى ئەۋلاد GALAXY SIII يانفونىدىن خېلى زور دەرىجىدە ئىلغارلاشتۇرۇلغانىدى.