قىزلارغا دەيدىغىنىم
قىزلارغا دەيدىغىنىم
1. سىزگە ئېتىبار قىلمىغان يىگىتتىن يىراق تۇرۇڭ، چۈنكى سىزگە كۆڭۈل بۆلمىگەن يىگىتتىن ئايرىلالماي يۈرۈش ياكى داۋاملىق ئۇنىڭ ئۈچۈن مېھرىبانلىق ۋە سۆيگۈڭىزنى ئىپادىلەش ئەخمەقلىق بولىدۇ.
2. ھەر قانداق چاغدا بىر مەسئۇلىيەتسىز يىگىت ئۈچۈن ئازابلانماڭ، قىزلار ئاسان ئازابلىنىپ قالىدۇ.. بىراق چوقۇم ئېسىڭىزدە بولسۇن بۇ ئەرزىمەيدۇ چۈنكى بەكرەك ئازابلىنىدىغىنى ئاخىرى يەنىلا ئۆزىڭىز بولىسىز . شۇڭا ئازابلىنىشلارنى يىغىشتۇرۇپ خوشال ياشاشنى بىلىڭ.
3. ياخشى كۆرگەن يىگىتىڭىزنىڭ ئەتراپىدا توختىماي ئايلىنىپ يۈرمەڭ،سىز ئۇنى ئۆزگىچە ياخشى كۆرسىڭىزمۇ بىراق يەنىلا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر بوشلۇق بېرىشىڭىز كېرەك ، بولمىسا ئۇنى بىزار قىلىپ قويىسىز.
4. ئەگەر يىگىت سىزگە :“ئايرىلىپ كېتەيلى!..“ دېگەندە ھەرگىز كۆز يېشى قىلىپ يۈرمەڭ،غەيرەتلىك بولۇپ كۈلۈپ تۇرۇپ :“خوش!“ دەڭ.
5. ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، ئۆزىڭىزگە مۇئامىلىڭىز ھەرۋاقىت ياخشى بولسۇن،چۈنكى ھاياتلىق سىزنىڭ.
6. ھەر كۈنى ئەتىگەن ئىشىكتىن چىقىش ئالدىدا يارىشىملىق كىيىنىپ كۈلۈمسىرەپ چىقىڭ.
7. يىگىتىڭىز ئۈچۈن كۈلۈمسىرىشىڭىزنى ئايىماڭ.
8. بەدەن شەكلى ۋە تېرىڭىزنى ئاسراشنى بىلىڭ.
9. تاماكا چەكمەڭ، ھاراق ئىچمەڭ. 10.ئىچىڭىز پۇشۇپ كەتسىمۇ قاۋاقخانىلارغا بېرىپ يۈرمەڭ،يالغۇز قالغان چاغدا شۇ يالغۇزلۇقتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىڭ.
11. ھەرگىز يالغان ھېسىياتتا بولماڭ، بۇنداق قىلىش يۈرۈكىڭىزگە ئاچچىق تامغا بېسىپ قويىدۇ.
12. ئېگىز پاشىنىلىق ئاياق كىيىپ يۈرۈڭ، بىراق بەك ھەددىدىن ئېگىز بولۇپ كەتمىسۇن.
13. يالغۇز قالغىنىڭىزدا سىزنى :“ياخشى كۆرىمەن“ دېگەن ئىنساننىڭ نېمىشقا سىزنى يالغۇز قالدۇرغانلىقىدىن ئازابلىنىپ كەتمەڭ.بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇ ئوبدان بىلىدۇ.
14. ئۆمۈرلۈك ھەمرىيىڭىزنى تاللىغاندا كۆزىڭىزنى چوڭ ئېچىڭ. ئەگەر خاتا تاللاپ قويغان بولسىڭىز ۋاقتىدا ئايرىلىپ كېتىڭ. سۇنىڭ ئېقىشىغا باقماڭ.بۇ ئىككىڭلار ئۈچۈن ياخشى.
15. يىگىتلەرگە قول ئۇزارتماڭ. چۈنكى بىرىنچىدىن: سىز ئۇلار بىلەن تەڭ بولالمايسىز. ئىككىنچىدىن: سىز بىلەن قول ئۇزارتىشىپ سوقۇشقان يىگىت چوقۇم ساراڭ .. شۇڭا ئۇرۇشقاندىن ئۇرۇشمىغان ياخشى.
16. دائىم سىرتلارغا چىقىپ ساياھەت قىلىپ كېلىڭ.بۇ سىزنى ناھايىتى ئۈمۈتلىك ۋە روھلۇق قىلىدۇ.
17. دائىم ئۆزىڭىزگە تەملىك چاي دەملەپ ئىچىپ ، كىتاپ كۆرۈپ، مۇزىكا ئاڭلاپ ھوزۇرلىنىشنى بىلىڭ.
18. ئۆزىڭىزگە لايىق كىيىم-كېچەك سېتىۋېلىشنى بىلىڭ. ئۆزىڭىزگە يارىغىنى خانغا يارىغىنى. ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئۈستى بېشىغا ھەۋەس قىلىپ كەتمەڭ.
19. سىز ياخشى كۆرمىگەن يىگىتنىڭ سوۋغىسىنى ئەڭ ياخشىسى قوبۇل قىلماڭ.
20. بىر قېتىمدا پەقەت بىرلا يىگىتنى سۆيۈڭ .
WordPress for Android يانفۇندا يوللانغان