سانىماق
سانىماق
كۆڭلۈم يېرىم بولغان ۋاقىتلىرىمدا مەن ئۆزۈمدە بار بولغان خۇشاللىقلارنى سانايمەن. مېنىڭ مېنى گۆھەردەك ئەتىۋارلايدىغان دادام، كۆزلىرى يوغان جىيەن ئوغلۇم، ئىنتايىن مۇلايىم سۆيگىنىم، خىزمىتىم، ياخشى كۆرىدىغان بىر ئىشكاب كىيىملىرىم، تېخى تولۇق كۆرۈپ بولالمىغان بىر يۈرۈش قىممەتلىك «سۇ بويىدا’ ناملىق رومانىم بار.
مەن ئۆزۈم بىلىدىغان كوچىلاردا ئەركىن ئازادە ماڭالايمەن. مەن تەڭرىگە ئىشىنىمەن. مېنىڭ باشقىلار ئالدىدا خىجالىتىم يوق، مېنىڭ كەلگۈسۈم پارلاق بولمىسىمۇ، ئەمما قاراڭغۇ ئەمەس. مېنىڭ باشقا يامان نىيىتىممۇ يوق. مېنىڭ شۇنداق راھەت بىر ئۆيۈم بار.
مەن ئۆزۈمدە كەم بولغان نەرسىلەرنى سانىمايمەن، پەقەت ئۆزۈمدە بار بولغان نەرسىلەردىن ھۇزۇر ئالىمەن. ھېچ كىشى بارچە دۇنياغا خوجا بولالمايدۇ، شۇنداقلا بارچە پايدىدىن يالغۇز بەھرىلىنەلمەيدۇ. مېنىڭ بۇنداق غەرىزىممۇ يوق. مەن پەقەت ئۆزۈمدە بار بولغان بەختتىن ھۇزۇرلىنالماي، ئىسراپ قىلىۋېتىشىمدىن قورقىمەن.