ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﮪﯧﻜﻤﯩﺘﻰ
بۇ ماۋزۇدا سۆز ئېچىشتىن بۇرۇن شۇنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەككى، ئىسلام شەرىئىتىدە بويرۇلغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسى پەقەت ھېكمەتتىنلا ئىبارەت دېسەك مۇبالىغە قىلمىغان بولىمىز. چۈنكى ئۇلاردا مەنىسىز، پايدىسىز ھېچ نەرسە يوقتۇر. ئۇلار ھەر نەرسىنى تولۇق بىلگۈچى ۋە ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئەھكاملاردۇر. لېكىن شەرىئەت ئەھكاملىرىدىكى ھېكمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارغا مەلۇممۇ ؟
جاۋاب: ئىنسانلارنىڭ ئىلمى ۋە ئەقىل ئىدراكى چەكلىك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىنىڭ ھېكمەتلىرىنى ۋە مەقسەت ـ غايىلىرىنى ئىدراك قىلىپ بىلىشى مۇمكىن ئەمەستۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ”سىلەر ئۆزلا ئىلىم بېرىلدىڭلار.“ (ئىسرا سۈرىسى 85 ـ ئايەت) بۇنداق ئىكەن، ئاللاھ ئىنسانلار ئۈچۈن چۈشۈرگەن شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ھەممىسىنى ـ مەيلى بىز ئۇلارنىڭ ھېكمەت ـ سىرلىرىنى بىلەيلى، مەيلى بىلمەيلى ـ رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
چۈنكى بىر نەرسىنىڭ ھېكمىتىنى بىلمىگەنلىكىمىز، ئۇنىڭ ھېكمىتى ۋە پايدىسى يوق دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ھېكمىتىنى بىلىشكە بىزنىڭ ئەقىل، ئىدراكىمىزنىڭ يېتەرلىك ئەمەس ئىكەنلىكىدۇر.
شۇنداقتىمۇ، ْئاللاھنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتى ئۈچۈن، ئەر ــ ئايالدىن ئىبارەت بۇ ئىككى جىنسنىڭ بىر ــ بىرى بىلەن ئۆيلىنىشى ئارقىلىق جۇپلىشىشىنى ئىلاھىي قانۇن قىلىپ بېكىتكەنلىكىنىڭ، بىزنىڭ چەكلىك بولغان ئىنساني ئەقلىمىز ئارقىلىق بىلەلىگەن بەزى ھېكمەتلىرىنى سۆزلىگىمىز كېلىدۇ.
1 ـ ئۆيلىنىش ئارقىلىق كىشىلەر ئەر ــ خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن كېيىن، ئۇلار زىنا ـ پاھىشە ئىشلاردىن ساقلىنالايدۇ، تېگى پاك نەسىللەرنى تېرىيالايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”ئى ياشلار جامائەسى! سىلەردىن ئۆيلىنىشكە قۇدرىتى يەتكەنلەر ئۆيلەنسۇن، چۈنكى ئۆيلىنىش كۆزنى نامەھرەمگە تىكىلىپ قاراشتىن، ئەۋرەتنى پاھىشەدىن ساقلايدۇ “ (بۇخارىي رىۋايىتى)
2 ـ ئۆيلىنىش ئارقىلىق جەمئىيەتنى يامان ئىشلاردىن، ئەخلاقسىزلىقلاردىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۆيلىنىش بولمايدىغان بولسا، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا رەزىللىكلەر ئورتاقلاشقان بولاتتى.
3 ـ ئۆيلىنىش ئارقىلىق ئەر ـ ئايال ئىككىسى بىر ـ بىرىگە تېگىشلىك بولغان ھەق ـ ھوقۇقلاردىن ئورتاق مەنپەئەتلىنەلەيدۇ. ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كىچەك ۋە باشقىلار قاتارلىق ھاياتتىكى بارلىق ئېھتىياجلىرىنى تولۇقلاشنى ئۆز ـ ئۈستىگە ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”ئاياللىرىڭلارنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك ۋە كىيىم ـ كىچەكلىرىنى تولۇقلاپ بېرىشىڭلار، ئۇلارنىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەقلىرىدىندۇر.“ئۇنىڭ مۇقابىلىسىگە، ئايال كىشىمۇ ئېرىنىڭ ئۆي ئىچىدىكى ئېھتىياجلىرىدىن چىقىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”ئايال كىشى ئېرىنىڭ ئۆيىگە مەسئۇلدۇر، ئۇ، ئۆي ئىشلىرىدىكى مەسئۇلىيىتىدىن سورىلىدۇ.“ (بۇخارىي رىۋايىتى)
4 ـ ئۆيلىنىش ئارقىلىق كىشىلەر يات ئائىلىلەر، قەبىلىلەر، ھەتتا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا تۇغقانچىلىق رىشتىنى باغلايدۇ، بىر ـ بىرىنى تونۇمايدىغان ئائىلىلەر، ئۆزئارا قۇدىلىشىش ئارقىلىق بىر ـ بىرى بىلەن تونۇشۇپ تۇغقان بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار ئاخىرى بىر ـ بىرىدن مىراس ئالىدۇ.
5 ـ يەر يۈزىدە ئىنسان نەسلىنىڭ ساغلام ھالدا داۋام قىلىشى پەقەت ئەر بىلەن ئايال ئىككى جىنسنىڭ بىرـ بىرى بىلەن ئۆيلىنىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ”ئى ئىنسانلار سىلەرنى بىرئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۇپتى (يەنى ھەۋۋا) نى ياراتقان ۋە ئۇلاردىن نۇرغۇن ئەرـ ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار “. (نىسا سۈرىسى 1 ـ ئايەت) ئەگەر ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئۆيلىنىش بولمايدىغان بولسا، تۈۋەندىكى ئىككى ئىشنىڭ بىرى بولاتتى، ياكى ئىنسانىيەتنىڭ نەسلى تۇگەشكەن، ياكى زىنا ـ پاھىشە ئارقىلىق ئەسلى ـ پەسلى بىلىنمىگەن ئەخلاقسىز ئىنسانلار مەيدانغا كەلگەن بولاتتى.