ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺭﻭﮪﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ

يوللانغان ۋاقتى : 2013-10-23 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 181 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئىسلام دىنى ئائىلە قۇرۇشنى تەقۋالىقنى كۆچەيتىش، كۆڭۈلنى روھلاندۇرۇش ۋە پەزىلەتلەرنى ئۆستۈرۈشنىڭ ۋاسىتىسى دەپ ھېسابلايدۇ. چۈنكى، ئائىلە ھاياتى بىر ـ بىرىگە مېھىر ــ شەپقەت كۆرسىتىش، بىر ـ بىرى ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەتىدىن كېچىش قاتارلىق ئالىيجانابلىقنىڭ ئۈستىگە قورۇلغان بىر ھەمكارلىشىش ھاياتىدۇر. ئائىلە ھاياتىدا ئائىلە ئەزالىرى مەسئۇلىيەتلەرنى ئورۇنلاشقا، پەرزلەرنى ئادا قىلىشقا چېنىقىدۇ.
ئەركىشىنىڭ ئائىلىسىدىكى ھاياتىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزدە تۇتۇشتىن ئىبارەت نىيىتىنىڭ دۇرۇس بولۇش شەرتى بىلەن ئىبادەت قاتارىغا كىرىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدىشى، ئۇلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۇرىشى، ئۇلارغا مېھىر ــ شەپقەت كۆرسىتىشى، ئايالىغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى، ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلىشى قاتارلىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئىبادەت. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى تاپىدۇ.
ئىسلام دىنى ئۆزىنىڭ ئادىللىقى ۋە ئىلغارلىقىدىن ئائىلە قۇرۇلۇشى ئىشىدا، ئايال كىشىگە ئەر كىشىنىڭ ساۋابىدىن ئۆز بولمىغان ساۋابلارنى ۋەدە قىلىدى. چۈنكى، ئايال كىشىمۇ ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، ھامىلدار بولۇپ بالا كۆتۈرۈش، ئۇنى ئېمىتىش، بېقىش تەربىيىلەش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا لايىقتۇر.پەيغەميەر ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئوغلى ئىبىراھىمنىڭ ئىنىك ئانىسى سالامە ئىسىملىك ئايال ــ يا رەسۇلەللاھ! سىز ئەرلەرگە پۈتۈن ساۋابلاردىن خۇشخەۋەر بېرىسىز، ئاياللارغىمۇ بەرمەمسىز؟ ــ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئاياللارغىمۇ كۆپ ساۋاب بار، شۇنىڭغا رازى بولمامسىز، ئۇلاردىن بىرى شۇكى، ئېرىدىن ھامىلدار بولۇپ، قورسىقىدا بالا كۆتۈرگەن ئايال كىشىگە ـ ئېرىمۇ ئۇنىڭدىن رازى بولغان بولسا كېچىسى ئۇخلىماي ناماز ئوقۇپ، كۈندۇزى روزا تۇتقاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ“ دەيدۇ. (ئىبنى ئەسىر رىۋايىتى)پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە، ”گۇناھلاردىن بەزىبىر گۇناھلار باركى، بۇ گۇناھلار ناماز ئوقۇش بىلەنمۇ، روزا تۇتۇش بىلەنمۇ، ياكى ھەج قىلىش بىلەنمۇ، ئەپۇ قىلىنمايدۇ، بەلكى پەقەت ھالال رىزىق تەلەپ قىلىش يولىدا ھىممەت كۆرسىتىش بىلەنلا ئەپۇ قىلىنىدۇ.“ (تەبەرانىي رىۋايىتى) دېمەك، ئائىلە قۇرۇپ، شۇ ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىش، بالىلىرىنىڭ، ئايالىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش يولىدا ئىشلەش كاتتا ئىبادەتتۇر.
ئىبادەت روھنى غىزالاندۇرىدۇ ۋە ئۇنى يوقىرى ماقاملارغا كۆتۈرىدۇ. پەرزەنتلەرنى بېقىش ئۈچۈن ئىشلەش كاتتا ئىبادەت بولغانلىقىدىن، ئۇنىڭ يۈزىسىدىن گوناھلار ئەپۇ قىلىنىدۇ. چۈنكى قۇرئاننىڭ تەلىماتى بويىچە، ياخشى ئەمەللەر يامان ئەمەللەرنى يوققا چىقىرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالا تەربىيىلەشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئولۇغ ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئاتا ـ ئانىلارغا خۇشخەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ”كىمكى ئونىڭ بىر قىزى بولسىمۇ، ئۇنى ياخشى تەربىيىلەپ، ياخشى ئوقۇتۇپ، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن ئۇنى بەھرىمەن قىلىپ، ياخشى يېتىشتۇرىدىكەن، بۇ قىزنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاتا ـ ئانىسى دۇزاخ ئوتىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.“ (قۇرتۇبى رىۋايىتى) دېمەك، ئۆيلىنىشنىڭ پايدىلىرىنى ۋە دۇنيا ئاخىرەتلىك سائادەتلىرىنى ساناپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. ئۆيلەنمىگەن بويتاقلارنىڭ ھاياتى غايىسىز، ئۆزلىرى بولسا بەخىتسىز ئۆتىدۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *