بالىلاردا ئىشتىھاسىزلىق كۆرۈلسە…
بالىلار بەزىدە ھەرقانچە ئېسىل تاماق بولسىمۇ، ئاتا–ئانىلار ھەرقانچە ئالدىسىمۇ يېگىلى ئۇنىمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:
كېسەللىك ئامىلى. ھەزىم قىلىش يوللىرىدا كېسەللىك بولسا، بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۆمۈر، سىنك، ۋىتامىن B1 قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار كەمچىل بولغاندا بالىلارنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، تاماقتىن قالىدۇ.
ناچار ئوزۇقلىنىش ئادىتى. بالىلار ئۇششاق–چۈششەك، تاتلىق يېمەكلىك، مايلىق يېمەكلىكنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئوڭايلا تاماقتىن چىقىپ قالىدۇ.
پىسخىكا ئامىلى. ئاتا–ئانىلىرىنىڭ زىيادە ئەركىلىتىشى ۋە تەربىيەسىنىڭ توغرا بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، بالىلارنىڭ نورمال تاماقلىنىش پىسخىكىسىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىشتىھاسىزلىق كۆرۈلىدۇ.