بوۋاقلارنى كەچكۈزدىن باشلاپ ئىسسىق تۇتۇش كېرەك

يوللانغان ۋاقتى : 2012-12-15 / سەھىپە تۈرى : ئوماق قوزام / كۆرۈلىشى : 155 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

 كەچكۈزدە بەزى بوۋاقلار سوغۇق شامالغا ئۇچرىسىلا، پۇت-قوللىرى ئاسانلا قىزىرىپ ئىششىيدىكەن، بۇنىڭغا ۋاقتىدا ئېتىبار بەرمىسە، قىشتا ئۈششۈپ قالىدىكەن. شۇڭا، كەچكۈزدىن باشلاپ بوۋاقلارنى ئىسسىق تۇتۇپ، ئۈششۈكتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بوۋاقلارنى دائىم سىرتقا ئېلىپ چىقىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، بواقلارنىڭ تېرىسىنى چېنىقتۇرۇش كېرەك. ئۆي تېمپىراتۇرىسىنىڭ 15 سېلىتسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ئىكەن. ھاۋا تېمپىراتۇرىسى 10 سېلىتسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا، بوۋاقلارنى سىرتقا ئېلىپ چىققاندا، چوقۇم پەلەي ۋە پايپاق كىيگۈزۈش كېرەك ئىكەن، شۇنداقلا بوۋاقلارنى ۋاقتىدا يۇيۇندۇرۇش، بوۋاقلارنى يۇيۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، لۆڭگە بىلەن پۇت-قوللىرىنى پاكىز سۈرتۈش، ئەگەر قىزىرىپ ئىششىش قاتارلىق ئۈششۈك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئۇۋۇلاش ئارقىلىق دائىرە بويىچە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك ئىكەن.

 

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *