زوراۋانلىق ۋە ئۇرۇش

يوللانغان ۋاقتى : 2012-08-16 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 136 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

زوراۋانلىق ۋە ئۇرۇش

ئەگەر، بىز كىشىلەرنى زورلۇق بىلەن ھەققانىيەتكە بۇي سۇنۇشقا مەجبۇر قىلساق، ئۇنداقتا ئۇ ھەقىقىي ھەققانىيەت بولماي قالىدۇ.
−بۇراس پاسكال
بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە بولمىغان ئادەملەرنىڭ خۇنىنى تۆككۈچىلەرنى ئۇچراتماق تەس بولسىمۇ، ئۆلۈم جازاسىنى قانداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن؟
بالىلارنى ئۇرۇشىمىز، زورلۇق ۋە قورال كۈچى بىلەن بالىلارنىڭ ھەرىكىتىنى تۈزەشنى ئويلىغىنىمىز. كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بەرگىنىمىز، ئۆلۈم جازاسىغا تايىنىپ بۇ دۇنيايىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرمەكچى بولغىنىمىز. بىر دۆلەتنىڭ يەنە بىر دۆلەتكە جەڭ ئېلان قىلىشى، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئورنىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنغىنى. يىراقتىن كۆزەتكەندە، زوراۋانلىق دائىم ئۈمىدسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمەيدۇ، بۇنىسى بەكمۇ غەلىتە ئىش.
ھەقىقىي ھايات بىزنىڭ ئۇلۇغۋار قەھرىمانە ئىش-ئىزلىرىمىزدا ئەمەس، بىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىمىز، توقۇنۇشىمىز ياكى ئۇرۇشقا ئاتلىنىشىمىزدا ئەمەس، بەلكى روھىمىزدىكى ئەڭ كىچىك، ئاسانلىقچە سەزگىلى بولمايدىغان ئاشۇ ئۆزگۈرۈشلەردىدۇر.

8-ئاينىڭ 16-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *