بەخت

يوللانغان ۋاقتى : 2012-07-31 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 125 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

سىز بىراۋغا ئۇ كېرەكلىك بولغان بارچە نەرسە−بايلىق، نام-ئابرۇي، سالامەتلىك بېرەلەيسىز. بىراق، ئۇ خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئىتائەت قىلماي ياشىسا، يەنىلا ئۆزىنى بەختسىز سېزىدۇ. ئەكسىچە، سىز بىراۋنىڭ بايلىقى، نام-ئابرۇيى ۋە سالامەتلىكىنى تارتىۋالسىڭىزمۇ، ئۇ خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئىتائەت قىلىپ ياشىغان بولسا، ئۇ يەنىلا ئۆزىنى بەختلىك سېزىدۇ.
بەختلىك بولۇڭ، مەڭگۈلۈك ياشاڭ، خۇدانىڭ روھىدا ئولتۇراقلىشىڭ، قۇتۇلدۇرۇشقا ئېرىشىڭ−بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىرلا ئىش. بۇ، ھاياتىڭىزنىڭ بۇرچىدۇر.
ئاقىل ئۆزىنىڭ ياشاش شارائىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزگەرتىشكە تىرىشمايدۇ، چۈنكى، ئۇنىڭ كۆڭلىگە شۇنىسى ئايانكى، ھەرقانداق شارائىتتا، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ.
ھاياتنىڭ مەنىسى چەككەن ئازابى بىلەن ياكى ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى بىلەن بەلگىلەنمەيدۇ. ھاياتنىڭ مەنىسى ئادەم ئۆز روھىنى تىرىشىپ مۇكەممەشتۈرۈشتىن كېلىدۇ، روھنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى باشتىن-ئاياق ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.

7-ئاينىڭ 31-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *