بىھۇدە ئىشلار
بىر كىشىنىڭ بىھۇدە ئىشلارغا بەنت بولۇپ يۈرۈشى، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنىڭ بېشارىتىدۇر.
ھەسەن بەسرىي.
كىمكى بىھۇدە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرسە، تەقۋالىقتىن مەھرۇم قالىدۇ.
سەھلى.
بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز سۆزلەرنى قىلىپ يۈرۈشى، ئاللاھنىڭ ئۇ كىشىنى خارلىغانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر.
مەئرۇف.
كىشىنىڭ قەلبى قازان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى نەرسىلەر قايناپلا تۇرىدۇ. تىل بولسا، چۈمۈچتۇر. شۇڭلاشقا، بىر كىشىنىڭ سۆزىگە ئوبدان دىققەت قىلغىن. چۈنكى ئۇنىڭ تىلى دىلىدىكىنى ئۇسۇپ تۇرىدۇ.
يەھيا ئىبن مۇئاز.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن تۇنجى يېڭىلىق بولسا، توقلۇق بولدى. كىشىلەرنىڭ قورساقلىرى تويىۋىدى، نەپسىلىرى ئۇلارنى دۇنياغا سۆرەپ ئەكىردى.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا.
بىدئەتچىلەر بىلەن سۆھبەتداش بولمىغىن. چۈنكى ئۇلار بىلەن سۆھبەتداش بولۇش كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ.
ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ.
ئىلىم دېگەن كۆپ رىۋايەت قىلىش ئەمەس. لېكىن ئۇ شۇنداق بىر نۇركى، ئاللاھ ئۇنى ئىنسان دىلىغا سالىدۇ. ئۇنىڭ شەرتى بولسا، سۈننەتكە ئەگىشىش ۋە ھاۋايى-ھەۋەستىن، بىدئەتچىلىكتىن قېچىشتۇر.
زەھەبىي.
ئىمام ئەھمەد ئىبن ھەنبەل يالغانچىلارنى قانداق بىلىسىز؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلارنىڭ ۋەدىلىرىدىن بىلىمەن، دېگەن.