ئانا تىل دەپ قاينايسەن دوستۇم
ئانا تىل دەپ قاينايسەن دوستۇم ،
”پەيدۈي“ دەمسەن سەنمۇ “ ئۆچرەت“نى ؟
”ياۋ سەن با“ نى يۈزۈڭگە سالماي ،
”دادۈي ”دەيسەن چۈنكى ”ئەترەت“نى .
”يىلۇ ”دېگەن ئاغزىڭغا گەندە ،
”بىر ”دېيىشتىن خىجىل بولدۇڭمۇ ؟
”ۋە ”،“بىلەن ”دىن باشقىسى يات سۆز ،
شالغۇت تىلغا ئىجىل بولدۇڭمۇ ؟
”شاۋچۈ“دېگەن ۋاقىتلىرىڭدا ،
ئەسكە كەلسۇن كونا مەھەلەڭ .
10 يىل بۇرۇن ”ئاش سۈيى ”دەيتۇق ،
ھازىر بىلمەس دېمىسەڭ ”مەنتەڭ ”.
ئېچىنامــــــــــــــــــــــسەن ئوقالماس ھازىر ،
15 ياشلىق بالىلار باغـــــــــــــــــــــــــــــاق .
ئۆگەتمەمسەن ھەي جــــــــــېنىم بالام ،
”شــــۇزى“ئـــــــەمەس – بۇ دېگەن تاغاق !!!
”يانفون ”سۆزى بەلەن ياسالدى ،
”شۇجى ”دېگەن ئاغىزىڭنى يۇم .
تەلەپپۇزۇڭ رۇس بولسا نىتەي ،
سالما دوستۇم ئۆزۈڭگە زۇلۇم .
”ئېتىك“دېسەڭ يۈزۈڭ چۈشەمدۇ ؟
بىلمىدىڭغۇ ”گۈەنجى“ دېمىسە .
”ئىتتىپاق“ دەپ سودا ساراينى ،
بورتالادا ”تۈەنجېي ”دېمىسە ..
”چۇزۇ “ دېگەن خەقلەرنىڭ سۆزى ،
تالاشمىغىن بەزلىشىپ ئۇنچە .
كىرا دېگىن ،كىراچى دېگىن ،
تىلىڭ بارغۇر سېنىڭ ئۇيغۇرچە !
ئارتۇق گەپ ئۇ ئېشەككىمۇ يۈك ،
قۇرۇق سۆزدىن ئەلا بىر قەدەم ،
ئانا تىلنى سۆيەيلى دوسىتلار ،
بىز ھەممىمىز ،ھەر يەردە ھەردەم .
ھەر ئايلىقى قەدىردانلىرىم
15 سوملۇق كىتاپ ئالايلى .
بالىلارنى يېتىلەپ پات -پات ،
كىتاپخانە يوقلاپ قويايلى ..
ئېغىزىڭدا تىنىق بولسىلا ،
ھەممە ئىشنىڭ ئامالى باردۇر …
تۈزەتمىسەك “ كۆنۈپ قاپتۇق“ دەپ ،
بۇ ئانا تىل بارغانچە خاردۇر !
شالغۇت سۆزنى بىرمۇ بىر دېسەم ،
قوشاقلاردىن رومان پۈتكۈسى .
ئانا تىلنى قەدىرلىمىسەك ،
ئاستا -ئاستا يۈتۈپ كەتكۈسى …….
تەۋسىيە شۇكى ،كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ ئىش ،لىكىن ئانا تىلنى ئۇنتۇش ۋە بۇزۇش نومۇس ،باشقىلارنىڭ ئانا تىلىنى بۇزۇشمۇ ھەم نومۇس ،ئانا تىلنى قەدىرلەيلى ،ئاسرايلى ،ئۆزىمىزدىن باشلاپ خاتالىقلارنى تۈزىتەيلى ….