قانچىلىك ئالدىراش بولسىڭىزمۇ، بالدۇرراق ئۇخلاڭ.
قانچىلىك ئالدىراش بولسىڭىزمۇ، بالدۇرراق ئۇخلاڭ.
چوقۇم ئۇخلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى بارمۇ؟ كۆپىنچە بالدۇر ئۇخلاپ- بالدۇر تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق دەپ ئاڭلايمىز. بۇ قاراش زادى قانچىلىك ئىشەنچلىك؟ كەچ ئۇخلاپ، ۋاقچە تۇرساقچۇ؟
ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ تېنىمىزدە ئىنتايىن سەزگۈز بىيۇلۇگىيىلىك سائەت بار بولۇپ، بۇ سائەت بىزگە ھەردەم سېگىنال بېرىپ تۇرىدۇ. ئۇ بىزنىڭ تىنىمىزنىڭ ھەرقايسى ئىقتىدارلىرىنى تەڭشىشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇخلاشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
كەچ 11:00 دىن سەھەر 3:00 كىچە بولغان بىر بۆلەك ۋاقىتتا، جىگەر كۆپ مىقداردا قان سۇيۇقلۇقى يىغىپ ئايلاندۇرىدۇ. جىگەردىكى قان سۇيۇقلۇقى كۆپىيىپ، ھەجىمى چوڭىيىدۇ. بەدەندىكى زەھەر تازىلىنىدىغان بۇ ۋاقىت ئىنتايىن مۇھىم. پۈتۈن بىركۈن بويى تەنگە جۇغلانغان زەھەرلەر بۇ ۋاقىتتا جىگەر تەرىپىدىن توپلىنىپ، ئانالىز قىلىنىدۇ. ئەگەر سىز بۇ ۋاقىتتا ئۇخلىمىغان بولسىڭىز، جىگەر زەھەر تازىلاش پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىشقا ئامالىسىز قالىدۇ.
ئەگەر كەچ سائەت 11:00 دە ئۇخلاپ بولغان بولسىڭىز، سىز ساپمۇ-ساق 4 سائەت ۋاقىتنى بەدىنىڭىزنىڭ زەھەر تازىلىشى ئۈچۈن ئاجراتقان بولىسىز. چۈشتە ياكى سەھەردە ئۇخلىسىڭىزجىگەرنىڭ زەھەر تازىلاش ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ.
ئەگەر سىز كېچىچە ئۇخلىماي، سەھەر سائەت 3:00 تىن كېين ئۇخلىغان بولسىڭىز قانداق بولار؟ ناھايىتىمۇ ئەپسۇسلۇق بىلەن ئېيتىمىزكى سىز ئاللاقاچان بەدىنىڭىزنىڭ بىر قېتىملىق زەھەر تازىلاش پۇرسىتىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەن بولىسىز.
ناۋادا سىز بۇخىل ئۇخلاش ئەندىزىسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىسڭىز، تېنىڭىزدە كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن زەھەر توپلىنىپ، خەۋىپ كۆرسەتكىدەك ھالەتكە يېتىپ بارىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن كېينكى ئاقىۋەتنى تەسەۋۋۇر قىلالايسىز.
ئەگەر كەچ ئۇخلاپ، ۋاقچە تۇرساقچۇ؟ سىز شۇنى ھېس قىلدىڭىزمۇ، كەچ ئۇخلاپ، ۋاقچە تۇرغان كۈننىڭ ئەتىسى قانچىلىك تولۇقلاپ ئۇخلىشىڭىزدىن قەتئى نەزەر يەنىلا ھارغىنلىق ھېس قىلىسىز، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
ۋاقچە ئۇخلاپ، ۋاقچە تۇرۇش ھەقىقىتەنمۇ سالامەتلىككە زىيانلىق. بۇنىڭدا سىز بەدەننىڭ زەھەر تازىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت ئاجىرىتالمايلا قالماستىن، يەنە تېنىڭىزدىكى باشقا ئورگانىزىملارنىڭ نورمال پائالىيىتىگىمۇ پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىسىز.
سەھەر 3:00 تىن 5:00 گېچە، سىزنىڭ ئۆپىكىڭىز زور مىقداردا قان ئايلىنىش ئېلىپ بارىدۇ . بۇ ۋاقىتتا سىز نېمە قىلىشڭىز كېرەك؟ يىنىك دەرىجىدە بەدەن چىنىقتۇرۇش، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، تېنىڭىزگە پايدىلىق ئېنىرگىيە تولۇقلىشىڭىز كېرەك. ناۋادا باغچىدەك ئورۇنلاردا بولسىىز تېخى ياخشى. بۇ ۋاقىتتا ھاۋا تەركىبىدە مول مىقداردامەنپى ئىئون بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتىكى ھاۋا ئىنتايىن «يېڭى» ئەلۋەتتە.
سەھەر 5:00تىن 7:00 گېچە، سىزنىڭ چوڭ ئۈچىيىڭىز كۆپ مىقداردا قان ئايلاندۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ بۇ ۋاقىت چوڭ تەرەتنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىت. بۇ كېرەكسىز ماددىلارنى چوڭ ئۈچەيدىن تازىلاپ چىقىرىپ، بەدەننىڭ يېڭىدىن ئېنىرگىيە سۈمۈرىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش كېرەك.
ئەتىگەن 7:00 دىن 9:00غىچە، سىزنىڭ ئاشقازىنىڭىزنىڭ كۆپ مىقداردا قان ئايلاندۇرۇش پەيتى. بۇ ۋاقىتتا نېمە قىلىش كېرەك؟ ئەلۋەتتە ناشتا قىلىسىزدە! بۇ بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇزۇقلىنىش. شۇڭا ساغلاملىققا ئائىت ئەسكەرتشلەردە ئېيتىپ كېلىنىۋاتقنىدەك، بۇ بىر ۋاق ناشتىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئەتىگەنلىك ناشتىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك نۇرغۇن-نۇرغۇن ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سىزنىڭ بىر كۈنىڭىز مانا مۇشۇنداق باشلىنىدۇ، بۇ بىر ئەقەللىي تۇرمۇش مىزانى. ۋاقتىدا ئۇخلايسىز، تېنىڭىزدىكى زەھەر تازىلىنىدۇ، ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا يېڭى ھاۋادىن نەپەس ئالىسىز،ئاندىن چوڭ ئۈچەيدىكى كېرەكسىزلەرنى تازىلايسىز، ئاندىن كېيىن ئوزۇقلۇق تولۇقلايسىز، شۇنىڭ بىلەن بەدىنىڭىز يېڭى بىر كۈنگە بولغان تەييارلىقىنى تاماملايدۇ.
تېنىڭىزدىكى تەبىئي سائەتكە بويسۇنۇڭ، مەن بەدەندىكى بىيۇلوگىيىلىك سائەتنىڭ مۇھىملىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بىيۇلۇگىيىلىك سائەتكە بوي سۇنغان تۇرمۇش پائالىيىتىنى ئىزىچللاشتۇرۇشقا تىرىشۋاتىمەن.
ئەگەر كۆپىنچە كەچلىك سىمىنا ئىشلەيدىغان خىزمەت قىلىۋاتقان تورداشلار بولسىچۇ، قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئەڭ ئاقىلانە جاۋاپ شۇكى بۇنداق خىزمەتنى كۆپ داۋاملاشتۇرماڭ، بەلكىم بۇنداق خىزمەتنىڭ تاپاۋىتى ياخشىدۇ، ئەمما ئۇزاقنى كۆزلىگەندە بۇنداق قىلىش ئەرزىمەيدۇ. چۈنكى سالامەتلىكتىن زىيان تارتسڭىز ھەتتا قانچىلىك پۇل خەجلەپمۇ ئورنىغا كەلتۈرەلمەيسىز!
ناۋادا يىرىم كېچە بولغاندا مەلۇم ئىشنى قىلشىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭىزنى ئىسىڭىزگە ئېلىپ قالسىڭىزچۇ؟ يەنىلا ئۇخلاۋىرىڭ، ئۇ ئىشنى سەھەر ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ قىلىۋەتسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ. بۇ خىزمەت دېگەنلەرنى كىم تۈگىتىپ بولالىغان دەيسىز؟