ﻣﻪﮪﺮﻩﻡ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ

يوللانغان ۋاقتى : 2013-11-25 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 227 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20131125-204955.jpg

ﻣﻪﮪﺮﻩﻡ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ؟
مەھرەم ــ مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن ئۆزىنىڭ جورىسى ۋە بىرگە نىكاھلىنىشى دۇرۇس بولمايدىغان تۇغقانلىرى دېمەكتۇر.
ئاياللارنىڭ مەھرەملىرى ــ ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن نىكاھلىنىشى دۇرۇس بولمايدىغان كىشىلىرىدۇر. ئۇلار: شۇ ئايالنىڭ ئاتىسى، بوۋىلىرى، تاغىلىرى، ئوغۇللىرى، قېرىنداشلىرى، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى، قېيىن ئاتىسى، ئۈگەي دادىسى، قىزلىرىنىڭ ئەرلىرى، ئاچا ـ سىڭىللىرىنىڭ ئەرلىرى ۋە بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار قاتارلىقلاردۇر.
ئايال كىشى يوقىرىقىلار بىلەن يالغۇز قالسا، ئارىلاشسا، ھەتتا باشلىرىنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاچسىمۇ گۇناھ بولمايدۇ. ئايال كىشىنىڭ ئېرىمۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئەۋرەت ئەزالىرىنى ئېچىشى دۇرۇس بولغانلىق جەھەتتىن ئۇنىڭغا مەھرەم سانىلىدۇ.
ئەمما ئايال كىشى ئۈچۈن نامەھرەم سانىلىدىغانلار ــ يوقىرىقىلاردىن باشقا يات ئەرلەر دېمەكتۇر.ئەركىشىنىڭ مەھرەملىرى ــ ئۇنىڭ جورىسى ۋە ئۆزى بىلەن نىكاھى باغلانمايدىغان ئايال تۇغقانلىرى دېمەكتۇر. يوقىرىقىلاردىن باشقا يات ئاياللار ئەركىشى ئۈچۈن نامەھرەم سانىلىدۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *