ھەقىيقى دادا

يوللانغان ۋاقتى : 2014-01-07 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 430 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20140107-210259.jpg




داد ئۆز ئادىتىدىكىدەك بالدۇرلام ئۆيگە قايتىپ كەلدى، تۇيۇقسىز بالىسىنىڭ ھوجرىسى تەرەپتىن ئۇنىڭ ئۆكسۈپ يېغلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى، دادا ئەنسىرگەن ھالدا بالىسىنىڭ ھوجىرسىغا كىرىپ ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا ئاھ-زار ئۇرۇپ يېغلىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىدى، بالا ئىسەدىگەن ھالدا بىزنىڭ قوشنىمىز پالانى ۋاپات تاپتى«دوستۇم ئەھمەدنىڭ چوڭ دادىسى».
دادىسى ئەجەبلىنىپ! نىمە! پالانى ۋاپات تاپتى! ياشايدىغىننى ياشاپ بولغان ئۇ قېرى ئۆلسە ئۆلسۇن، ياكى ئۇ ياكى سىنىڭ يېشىڭدىكى كىچىك بالا بولمىسا، ئاشىنىڭغىمۇ شۇنچىۋالا يېغلايدىغان سەندەك ئەخمەق بالىنى كۈرەپ باقماپتىكەنمەن، مىنى بەك ئەنسىرىتىۋەتتىڭ، مەن تېخى ئۆيگە بىرە بالا-مۇسىيبەت كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن،سىنىڭ مۇشۇنداق يىغلىشىڭنىڭ ھەممىسى ئاشۇ قېرى ئۈچۈنما !!!
ئەگەردە مەن ۋاپات تاپقان بولسام ھەرگۈزمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش يېغلىماس بولغۇيتتىڭ؟؟؟؟؟
بالا ئۆزىنىڭ ياش تامچىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن دادىسىغا قاراپ: توغرا مەن ساڭا ئۇنىڭغا ئوخشاش يېغلىيالمايمەن ھەم يېغلىمايمەن.
ئۇ مىنى ھەرۋاقىت ئۆز باللىرىدەك قولۇمدىن تۇتۇپ جامائەت سورۇنلىرىغا ۋە بومدات نامىزىغا مسچىتكە ئەپ چىقاتتى.
ئۇ مىنى ئۇ مىنى بىر تەرەپتىن يامانلارغا ھەمرا بۇلۇش ۋە ھەم سۆھبەت بۇلۇشتىن ئاگاھلاندۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن ياخشى تەقۋا سالىھ كىشىلەرنى دوست تۇتۇشقا ۋە ئۇلار بىلەن ھەم سۆھبەت بۇلۇشقا قىززىقتۇراتتى.
ئۇ مىنى قۇرئان ياد ئېلىشقا ۋە دۇرۇت زىكىرلەرنى قايتا-قايتا ئۇقۇشقا قىززىقتۇرۇپ ئۈندەيتتى.
سەن مەن ئۈچۈن نىمە قىلىپ بەردىڭ؟
سەن مىنىڭ ئارقىسىغا قېتىلىدىغان دادا بولدۇڭ!!!
سەن مىنىڭ جىسمىمنىڭ دادىسى بولدۇڭ!!!
ئەمما ئۇ مىنىڭ روھىمغا دادا بولدى،
بۈگۈن مەن ئۇنىڭغا يېغلايمەن، ۋە داۋاملىق ئۇنىڭغا يېغلايمەن، چۇنكى ئۇ ھەقىيقى دادا ……
دىدىدە تېخىمۇ قاتتىق يېغلاپ كەتتى.
شۇ چاغدا دادا ئۆزىنىڭ غەپلەتتە قالغانلىقىدىن چۆچىدى، ئوغلىنىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلەندى ۋە بەدەنلىرىنى تىتىرەك بېسىپ كەتتى، ئۇنىڭ ياشلىرى بالىسىنىڭ مەڭزىگە ساقىپ چۈشكىلى تاس قالدى،
ئاشۇ كۈندىن باشلاپ دادا جامائەت نامىزىدىن بىركۈنمۇ قەپ قالماپتۇ!!!
ئەي بالىلارنىڭ قەدىردان ئەزىيز ئاتا-ئانىلىرى سىلەر بالىلىرىڭلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تاشقى سىياقىغا كۆڭۇل بىرىپلام قالماي بەلكى ئۇلارنىڭ ئىچكى قەلىبلىرى ۋە ئەخلاق يۈرۈش تۈرۈشلىرىگە بەكراق كۆڭۇل بىرىڭلار!!!
شۇنى ئۇنۇتماڭكى نىمە تېرىسىڭىز شۇنى ئالىسىز.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *