تۆت خىل رەڭ تەشۋىشنى يېنىكلىتىدۇ

يوللانغان ۋاقتى : 2013-04-17 / سەھىپە تۈرى : تۇرمۇش / كۆرۈلىشى : 129 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

تۆت خىل رەڭ تەشۋىشنى يېنىكلىتىدۇ

    مۇقەددىمە : تۆت خىل رەڭ دۇنيانى رەڭدارلاشتۇرۇپلا قالماي ، يەنە روھنى ئۇرغۇتۇپ، جىددىيلىكنى پەسەيتىپ، تەشۋىشنى يېنىكلىتىدۇ . رەڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنىڭ كىشىلىك ئالاقىدە ئۇتۇق قازىنىشقا ياردىمى بار . بولۇپمۇ تۆۋەندىكى تۆت خىل رەڭ ئازادە مۇھىت يارىتىپ ، بىزنى غەم–ئەندىشىدىن خالاس قىلىدۇ.   كۆك رەڭ دېڭىز ۋە ئاسماننىڭ رەڭگى بولۇپ، كىشىگە ئىللىق، تىنچ، ئازادە تۇيغۇ بەخش ئېتىدۇ. كۆك رەڭلىك مۇھىتتا خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشخانىلار كۆك رەڭدە بېزىلىدۇ . كۆك رەڭ يەنە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياخشىلاپ ، غەم–قايغۇنى يەڭگىللىتىدۇ . بالىلار ئىمتىھاندىن بۇرۇن جىددىيلىشىپ ياخشى ئۇخلىيالمىسا ، ئۇلارنىڭ يوتقان ، كىرلىكلىرىنى كۆك رەڭگە ئۆزگەرتىپ بېرىش ئەڭ ئاقىلانىلىق . كۆك رەڭ يەنە سەمىمىيلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يۈزتۇرانە ئىمتىھاندا كۆك كىيىم كىيىش ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر.
   بىنەپشە رەڭ تەربىيە كۆرگەنلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ ، ئادەمنىڭ قەلب دۇنياسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ، روھىي جىددىيلىكىنى پەسەيتىدۇ . رۇسىيەدىكى بىر قىسىم مەكتەپلەر ئاق لامپۇچكىلارنى بىنەپشە رەڭلىك لامپۇچكىلارغا ئالماشتۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئاچقان . بىنەپشە رەڭ يەنە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلىدار ئاياللار ئۆيدە بىنەپشە رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىۋالسا تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى ئەندىشىدىن ساقلىنالايدۇ.
    ھال رەڭ ئەركىن–ئازادە كەيپىيات يارىتىدۇ . ھال رەڭ بۆرەك ئۈستى بېزى ھورمونىنىڭ ئاجرىتىلىشىنى ئازايتىپ، دەرغەزەپكە كەلگەن كىشىنىڭ ئاچچىقىنى ياندۇرىدۇ. ئىچ-ئىچىدىن يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغان ۋە روھىي بېسىمغا ئۇچرىغان كىشىلەر ھال رەڭلىك كىرلىكنى تاللىسا ئىنتايىن مۇۋاپىق. تۇغۇت بۆلۈمى ۋە بالىلار بۆلۈمىنىڭ سېستىرالىرى ئادەتتە ھال رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيىۋالسا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئىللىق، يېقىملىق تۇيغۇ بەخش ئېتىدۇ ھەمدە ئاق كىيىمنىڭ بالنېتسىدا ياتقان بوۋاقلارغا بېرىدىغان سۈرىنى پەسەيتىدۇ. ھال رەڭلىك كۆڭلەك كىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئەر خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كۈچلۈك، ئۇلار كىشىلىك ئالاقىدە ناھايىتى جەڭگىۋار، ئىشخانا كەيپىياتىنى تەڭشەشكە ماھىر، ئىش ھەققىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
   يېشىل رەڭ ھاياتلىقنىڭ بەلگىسى ، كىشىلىك ھاياتقا جۇشقۇنلۇق ئاتا قىلىدۇ. يېشىل رەڭلىك مۇھىت تېرىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 1 ~ 2 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك سوقۇشىنى ھەر مىنۇتتا 4 ~ 8 قېتىم ئازايتىدۇ ، نەپەسنى تەكشىلەپ ، سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ . ئىچى تىتىلدايدىغان كىشىلەر ئاچ يېشىل رەڭلىك كىرلىك ئىشلەتسە مۇۋاپىق . ئوپېراتسىيە بۆلۈمى ۋە ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدىكى دوختۇر–سېسترالارنىڭ كىيىمى ئاچ يېشىل رەڭلىك بولسا، بىمارنىڭ قەلبىدىكى كېسەللىك ۋەھىمىسىنى پەسەيتىپ، بىمارغا قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ بەخش ئېتىدۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *