يوشۇرۇن ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرۇش

يوللانغان ۋاقتى : 2013-04-17 / سەھىپە تۈرى : تۇرمۇش / كۆرۈلىشى : 192 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

يوشۇرۇن ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرۇش

    ھەربىر كىشىنىڭ ھەقىقىي يوسۇندىكى ئۆزىنى كۆرسىتىشى، باشقىلارغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىشى ۋە ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈش كۈچى بولىدۇ. بىز ئادەتتە پالانچى «سېھرىي كۈچكە تولغان» دەيمىز. بۇ ئەمەلىيەتتە ئاشۇ كىشىنىڭ ئىجادىي خاراكتېرىگە ۋە ئۆزىنى كۆرسىتىش شىجائىتىگە قارىتىلغان.
    «بېسىۋېتىلگەن مىجەز» لىك كىشىلەر ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى بېسىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەسلىدە بار بولغان ئىچكى، ئىجادىي، ئۆزىنى كۆرسىتىش خاراكتېىرىنى ئىپادىلىيەلمەسلىكتە كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئۇ توختاپ قېلىش، تېڭىرقاش، چېكىنىش، بەنت بولۇش، بۇغۇلۇپ قېلىش بولۇپ ئېپادىلىنىدۇ. بېسىلىپ قالغان مىجەز ئۆزىنى ھەقىقىي ئىپادىلەشنى بۇغۇپ قويىدۇ. كىشىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ھەمىشە يوللۇق رەت قىلىپ، كىشىنى قۇرقۇنچاق قىلىۋېتىدۇ. كىشىنىڭ ھەقىقىي ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان جۈرئىتىنى روھىيىتىنىڭ ئىچكىرىسىگە سولاپ قويىدۇ ھەم پىسخىكىلىق ئىقتىدارىنى كۆپ مىقداردا خورىتىۋېتىدۇ. بۇنداق كىشىنىڭ تېنى كۈن بۇيى ئىنتايىن ھارغىن ھالەتتە تۇرىدۇ. تەپەككۇرىمۇ ھەرىكەتتىن توختاپ قالىدۇ.
    بېسىلىش ھالىتى كۆپ خىل بولىدۇ. ئالايلى، تارتىنىش، قورۇنۇش، نىيىتىنى بۇزۇش، زىيادە دەككە – دۈككىدە بولۇش، ئۇيقۇسىزلىق، زىيادە سەزگۈرلۈك، چېچىلىش، باشقىلار بىلەن چىقىشالماسلىق قاتارلىقلار، يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھەربىر كىشىنىڭ ۋۇجۇدىدا چەكسىز يوشۇرۇن ئىقتىدار يوشۇرۇنغان. ئۇلار قوزغىتىلمىغان ياكى بېسىلىپ قالغان بولىدۇ. ئەگەر ئىنكاسنى ئىنكار قىلىش ياكى تەندىكى ئىنكاس زىيادە بولۇپ كەتسە، ئۇ توغرا يولدىن چىقىپ كېتىپ ئالغا بېسىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى مۇمكىن.
    ئەگەر ناتونۇش كىشىلەرنى كۆرگەندە تارتىنسىڭىز، يېڭى يۇچۇن مۇھىتقا كىرىشتىن قورقسىڭىز، ھەمىشە لايىقلىشالماسلىق، ئەنسىرەش، بىئاراملىق ۋە زىيادە سەزگۈر بولۇش تۇيغۇسىدا تۇرسىڭىز، يەنە جىددىيلىك، ئۆزىڭىزدىن خۇدۇكسىرەش تۇيغۇسىدا بولسىڭىز، ئەگەر سىزدە يۈزىڭىز تارتىشىپ قالغاندەك، كۆزىڭىزنى ئورۇنسىز چىمىلدىتىدىغان، تىترەيدىغان، ئۇخلىيالمايدىغان «جىددىيلىشىش ئالامەتلىرى» كۆرۈلسە، ئەگەر قورقۇپ تۈگۈلۈپ تۇرۇۋېلىپ ئالغا باسالمىسىڭىز، تۆۋەندە تۇرۇۋېرىشكە شۈكۈر قىلسىڭىز، بۇ بېسىمغا ئۇچرىشىڭىزنىڭ بەك ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئىش قىلىشتا تولىمۇ ئېھتىياتچانلىقىڭىزنى ۋە «ئويلىنىشىڭىز» نىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى خۇسۇسىيەت – مىجەزىڭىزنى ئىپادىلىشىڭىز چەكلىمىگە ئۇچراپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
    مۇبادا يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىز بېسىمغا ئۇچراپ بەختسىزلىككە، پىشكەللىككە يولۇقسىڭىز، بېسىمنى تۈگىتىش چارىسىنى ئاڭلىق مەشىق قىلىڭ. ياشاش داۋامىدا ئۇنچىۋالا قورۇنماڭ، ئەنسىرىمەڭ، زىيادە ئەستايىدىل بولۇپ كەتمەڭ. كاللا ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى سۆزلەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. ھەرىكەت قىلىشتىن ئىلگىرى «بەكمۇ زىغىرلاپ كېتىدىغان» پىكىر قىلىش ئۇسۇلىڭىزنى تاشلاڭ.
    1) يوشۇرۇن ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرۇش – مەشىق (1)
(1) «نېمىلەرنى سۆزلەش» ھەققىدە ئىشتىن ئىلگىرى باش قاتۇرماڭ، ئەركىن ئازادە سۆزلەۋەرسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.
(2) پىلان تۈزۈۋالماڭ (ئەتە ئۈچۈن باش قاتۇرماڭ)، ھەرىكەت قىلىشتىن ئىلگىرى ئويلىنىپ يۈرمەڭ. «ھەرىكەت – قىلمىشىڭىزنى ھەرىكەت داۋامىدا تۈزىتىدۇ» بۇ ئەندىزە قارىماققا تېتىقسىزلىقتەك بىلىنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە مېخانىك ھەرىكەت پىرىنسىپقا ئۇيغۇن. سۇ مىناسى قويۇپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ يۆنىلىشىنىڭ توغرا – خاتالىقىنى ئويلىشىپ يۈرمەيدۇ. ئىشتىن ئىلگىرى خاتالىقنى تۈزىتىمەن دەپ يۈرمەيدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن ھەرىكەت قىلىش – نىشانغا ئاتلىنىش – ئاندىن ھەرىكەت داۋامىدا كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان بارلىق ئېغىشنى تۈزىتىش كېرەك.
    (3) ئۆزىڭىزنى تەنقىدلەشنى توختىتىڭ. ھەتتا يوشۇرۇن ئىقتىدارى بېسىمغا ئۇچرىغان كىشىلەر ھەمىشە ئۆزىنى – ئۆزى تەنقىد قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىدۇ. قانچىلىك ئاددىي ھەرىكەت قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ئىشتىن كېيىن ئۆزىگە «بۇنداق قىلمىسام بوپتىكەن!» دەيدۇ. ھەتتا يۈرەكلىك ھالدا بىرەر ئېغىز قاتتىقراق گەپ قىلىپ قويغاندىن كېيىن ئۆزىگە «بۇنداق دېمەسلىكىم دۇرۇستۇ. بەلكىم باشقىلار خاتا چۈشىنىپ قالغاندۇ» دەيدۇ. تەھلىل قىلىپ كۆرۈش ۋە سەۋەنلىكلىرىنى قايتا ئەسلەش، ئېھتىمال زۆرۆردۇر. لېكىن ھەمىشە توختاتماي، ھەر كۈنى ھەر سائەتتە ئۆزىدىن گۇمانلىنىۋېرىش ياكى ئىلگىرىكى قىلمىشىنى توختىماي تەھلىل قىلىش ئاخىرقى ھېسابتا ھەرىكىتىڭىزنى مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدۇ خالاس. مۇشۇنداق ئۆزىڭىزنى تەنقىد قىلىش، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئەيىبلەشكە دىققەت قىلىڭ. ياخشىسى، ئۇنداق ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىڭ.
    (4) ئاۋازلىق سۆزلەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ. بېسىمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ ئاۋازى كۆرۈنەرلىك پەسلەپ كېتىدۇ. ئىشەنچىسى تولۇق ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ. ئىمكانقەدەر ئاۋازىڭىزنى كۆتۈرۈپ سۆزلەڭ، لېكىن باشقىلارغا ۋارقىراپ، جارقىرىشىڭىز، چالۋاقاپ چېچىلىشىڭىز ھاجەتسىز، ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىق ھالدا ئادەتتىكىدىن سەل چوڭراق چىقارسىڭىزلا كۇپايە، ئاۋازلىق سۆزلەش بېسىمىنى تۈگىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى، ئۇ ۋۇجۇدىڭىزدىكى %15 كۈچ – قۇۋۋەتنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بېسىمغا ئۇچرىغان ھالەتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ تەمكىن قىلىۋېتىدۇ. ئىلمىي تەجرىبىنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەندۈرۈشى مۇنداق، يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراش بېسىمىنى تۈگىتىدۇ – بارلىق يوشۇرۇن ئىقتىدارغا، جۈملىدىن توسقۇنلۇققا ۋە بېسىمغا ئۇچرىغان ھېلىقى يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنىمۇ ھەرىكەتلەندۈرىدۇ.
    (5) مۇھەببەت – نەپرىتىڭىزنى، ياخشى – يامانلىقىڭىزنى بىۋاسىتە ئاشكارىلاڭ. بېسىمغا ئۇچرىغان مىجەز ھەم يامان ھېسسياتىنى ئىپادىلەشتىن ھەم ياخشى ھېسسياتنى ئىپادىلەشتىن قورقىدۇ. ئەگەر ئۇ مۇھەببەتنى ئىپادىلىسە، باشقىلارنىڭ بەك ھېسسياتچان ئىكەن، دېيىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. دوستلۇقنى ئىپادىلسە، سۇخەنچىلىك، كۆتەرمىچىلىك قىلىۋاتىدۇ، دېيىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بىرەرسىنى ماختاپ قويسا، كىشىلەرنىڭ ساختىپەزلىك، ياسالمىلىق قىلىۋاتىدۇ. دېيىشىدىن، يامان غەرزى بار، دەپ گۇمانلىنىشىدىن قورقىدۇ. توغرا ئۇسۇل مۇشۇنداق قىلىش خاراكتېرىدىكى تەتۈر سىگناللار توغرىسىدا تامامەن باش قاتۇرماسلىق، سىز بىر كۈندە ئاز دېگەندە ئۈچ كىشىنى ماختاپ قويۇڭ، ئەگەر بىرەرسىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى، كىيگەن كىيىمىنى ياكى قىلغان گېپىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز، ئۆزىگە بىلدۈرۈپ قويسىڭىز ئارتۇق كەتمەيدۇ.

    مەنبە: «مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى» ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *