ئۆزىدىن مەغلۇب بولۇش
ئۆزىدىن مەغلۇب بولۇش
بىر كۈنى كېچىدە قاپقاراڭغۇ يول ئۈستىدە بىر يىگىتنىڭ ماشىنىسىنىڭ بالونى تېشىلىپ كېتىپتۇ. يىگىت سايمان ساندۇقىنى ئاختۇرۇپمۇ دامگىراتنى ھېچ يەردىن تاپالماپتۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ يولدىن خېلى بىر چاغقىچە ھېچقانداق ماشىنا ئۆتمەپتۇ. ئۇ يىراقتا چىرىغى يېنىقلىق بىر ئۆينى كۆرۈپ، ئاشۇ ئۆيدىن دامگىرات ئارىيەت ئالماقچى بولۇپتۇ. يولدا ئۇ توختىماستىن خىيال قىلىپ مېڭىپتۇ: «ھېچكىم ئىشىكنى ئاچمىسا قانداق قىلارمەن؟ دامگىرات بولمىسىچۇ؟ ئۇ خۇمپەر دامگىرات بار تۇرۇپ ئارىيەت بەرگىلى ئۇنىمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟»
يول بويى ئۇ ئويلىغانسېرى تازا جۇدۇنى تۇتۇپتۇ، ھېلىقى ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئىشىكنى چەككەنىكەن، ئۆي ئىگىسى چىقىشىغىلا ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي تىللاپ كېتىپتۇ:
– ھۇ ئاناڭنى! دامگىرات دېگەن تېپىلمايدىغان نەرسىمىتى؟
خوجايىن ئەر – خوتۇننىڭ تازا ئاچچىقى كەپتۇ – يۇ، ئۇنى بىر روھىي كېسەل ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، ئىشىكنى «گۈممىدە!» تاقاپتۇ.
يولدا كېتىۋېتىپ يىگىت دائىم كۆرۈلىدىغان «ئۆزىدىن مەغلۇب بولۇش» تەك بىر خىل تەپەككۇر يولىغا كىرىپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن ھالقىپ كېتەلمىگەن. ئۇ ئاللىقاچان دامگىرات ئارىيەت ئېلىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويغان. چوقۇم ئارىيەت ئالالمايمەن دەپ ھېس قىلغان. خەقنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۇ ئۆزىنى تۇتالماستىن باشقىلارنى تىللاپ كەتكەن. بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزىدە نۇرغۇنلىغان ئۈمىدسىز خىياللارنى قىلىمىز، نەتىجىدە ھەقىقەتەن ئورۇنسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىمىز.