شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن چۇقۇم مېڭىشكە تېگىشلىك يوللار

يوللانغان ۋاقتى : 2014-02-26 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 2,247 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

gs

ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلايدىغانلارغا نىسبەتەن شىركەت قۇرۇش چۇقۇم ئويلايدىغان بىر تېما. تىزىمغا ئالدۇرىدىغان جاينىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش يوللىرى ۋە بەھىرلىنىدىغان ئېتىبار سىياسەتلەر ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. يۇقىرىدا شىركەت ئېچىش ئۈچۈن چۇقۇم بېسىشقا تېگىشلىك قەدەم باسقۇچلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
شىركەت قۇرۇشتىن بۇرۇن چۇقۇم شىركەت تۈرىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمىز كېرەك. ھازىر كۆپرەك ئۇچرايدىغان تۈرلەر، سودا چەكلىك شىركىتى، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى … قاتارلىق بىر قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ. تۈرنى بېكىتىۋالغاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك بەش باسقۇچنى بېسىپ ئۆتۈش كېرەك.
1. شىركەت نامىنى تەستىقلىتىش. ئالدى بىلەن شىركەتكە نام بېكىتىش كېرەك. بۇ نام چۇقۇم باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بولىشى كېرەك. شۇنداق بولىشى ئۈچۈن ئاز بولغاندىمۇ 5 دانە ئىسىم ئويلىشىپ قويۇش كېرەك. بۇ جەريانغا 30يۈەن پۇل كېتىدۇ. ۋاقتى شۇ ئىسىمنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقىغا قاراپ بېكىتلىدۇ.
2. قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش
ئىسىم تەستىقلانغاندىن كىيىن تەستىقنامىنى ئالىمىز، ئەگەر ئىلتىماس قىلماقچى بولغان كارخانىنىڭ تىجارەت دائىرىسى ئىچىدە ئالدىن تەستىقلاشقا تېگىشلىك تۈرلەر بولسا (مەسىلەن: ئاشخانا، ئالاھىدە كەسىپلەر) ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن رەسمىيەت بېجىرىلىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا تۆۋەندىكىدەك باسقۇچلارنىلا بېسىپ ئۆتسەك بولىدۇ.
1) شىركەتنىڭ نىزامنامىسى (公司章程) نى يېزىش. بۇنى سودا – سنائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدىن ئۆرنەكنى چۈشۈرۈپ شىركەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ يېزىشكە بولىدۇ.
2) شىركەت ئورنىنى تېپىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش. شىركەتكە نىسبەتەن  شىركەت ئورنىغا قويىلىدىغان تەلەپ بار. مەسىلەن: ئولتۇراق رايوندىن ئىشخانا ئورنى قىلىشقا بولمايدۇ. ئىشخانا ئىجارە ئېلىپ بولغاندىن كىيىن ئىجارە توختامىنى ئېلىپ مۇناسىۋەتلىك باجلىرىنى تۆلەيمىز. بۇنىڭدىن باشقا ئىشخانا ئورنىنىڭ ئۆي خېتىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تاپشۇرىمىز.
3)  شەخسى تامغا ئويدۇرۇش: مەخسۇس بەلگىلەنگەن ئورۇندىن بىر دانە شەخسى تامغا ئويدۇرىمىز. (چاسا شەكىللىك)
4) «بانكا رەسمىيەت سۈرۈشتۈرۈش خېتى» ئېلىش( تەرجىمە قىلالماي شۇنداق قىلىپ قويدۇم银行询证函)؛
5) بانكىغا بېرىپ ھېساباتنى تەكۈرتۈش. ئىسىم تەستىقلىتىش ئۇقتۇرۇشىنى ۋە تىزىملاتماقچى بولغان كاپىتالنى ئېلىپ، بەلگىلەنگەن بانكىغا بېرىپ مەبلەغ تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتەيمىز. بارلىق پايچەكلەر ئۆزىنىڭ قوشماقچى بولغان پاي سوممىسىنى ئېلپ بانكىغا بېرىپ ھېسابات ئاچقۇزىشى ۋە ئۆزىنىڭ ھېسابات سوممىسىنى ئۆز ھېساباتىغا كىرگۈزىشى كېرەك. بۇ ئىشلار تۈگىگەندىن كىيىن مۇناسىۋەتلىك تالوننى ساقلاپ قويىدۇ.
6) ھېسابات تەكشۈرتۈش تۈگىگەندىن كىيىن (办理验资报告)، بانكا چىقىرىپ بەرگەن پاي سوممىسى تاپشۇرۇش تالونىغا تامغا باستۇرۇپ،«بانكا رەسمىيەت سۈرۈشتۈرۈش خېتى» (银行询证函)، شىركەتنىڭ نىزامنامىسى (公司章程)، ئىسىم تەستىقلىتىش ئۇقتۇرۇشى، ئىشخانا ئىجارە توختامى، ئۆي خېتى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى قاتارلىقلارنى ئېلىپ مالىيە ئىشلىرىنى بېجىرىش شىركىتىگە بېرىپ ھېسابات تەكشۈرتۈش دوكىلاتى(验资报告)نى ئالىمىز.

پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇش ئىلتىماسى ئۈچۈن شىركەت تىزىملىتىش ئورگانلىرىغا تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە ماتېرىياللارنى يوللايمىز.
1.شىركەت قانۇنى ۋاكالەتچىسى تەستىقلاپ تەسىس قىلغان تىزىملىتىش  ئىلتىماسى
2.مۇدىرىيەت ۋەكىلنى بەلگىلەش ياكى ئورتاق ھاۋالە قىلىنغان  ۋاكالەتچىنىڭ ئىسپاتى بولۇش
3.شىركەت نىزامنامىسى
4.قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان مەبلەغ تەكشۈرۈش ئورگىنى يېزىپ بەرگەن مەبلەغ تەكشۈرۈش ئىسپاتى.
5.ئىش باشلىغۇچىنىڭ دەسلەپتە مەبلەغ ئاجىرىتىىدىغىنى پۇل بايلىقى ئەمەس بولغانلىقى ئۈچۈن،شىركەتتە تەسىس قىلىپ تىزىملاتقاندا بېجىرىپ بولغان مال- مۈلۈك ھوقۇقىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنىڭ ئىسپات ھۆججىتى بولۇش
6 .ئىش باشلىغۇچىنىڭ ئاساسى سالاھىيەت ئىسپاتى ياكى شەخىسنىڭ سالاھىيەت كېنىشكىسى ئىسپاتى  
7. شىركەتنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتىنى،نازارەت ھەيئىتى،دىرېكتورنىڭ ئىسمى،تۇرۇشلۇق ھۆججەت ۋە مۇناسىۋەتلىك تەيىنلەش،تاللاش ياكى تەكلىپ قىلىپ ۋەزىپىسىگە قويۇش قاتارلىقلارنىڭ ئىسپاتىنى كۆزدە تۇتۇش
8.شىركەت قانۇنى ۋاكالەتچىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ھۆججىتى ۋە سالاھىيەت كېنىشكە ئىسپاتى
9.كارخانا ئىسمى ئالدىن تەستىقلىغان ئۇقتۇرۇش .
10.شىركەتنىڭ تۇرۇشلۇق ئىسپاتى
11.دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بەلگىلىگەن تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنغان باشقا ھۆججەتلەر.
بۇلارنىڭ ئارىسىدا توپلاش شەكلى ئارقىلىق تەسىس قىلغان پاي چەكلىك شىركىتى چوڭ يىغىندا ئوتتۇرغا قويۇلغان يىغىن خاتىرسىنى تاپشۇرىشى كېرەك. توپلاش شەكلى ئارقىلىق تەسىس قىلىنغان پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ  ئاشكارا تارقاتقان پاي چىكى بولسا گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەت باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ تەستىقلىغان ھۆججىتىنى تاپشۇرىشى كېرەك. قانۇن،مەمۇرىي قائىدە-قانۇن ياكى گوۋۇيۈەن بىكىتكەن بەلگىلىمە بويىچە قۇرۇلغان پايچەك شىركىتى چوقۇم  مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقلىشىنى مەلۇم قىلىش  ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تەستىقلانغان ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرىشى كېرەك.  شىركەت ئىلتىماس قىلىپ  تىزىملاتقان تىجارەت دائىرىسىگە نىسپەتەن قانۇن،مەمۇرىي قانۇن ياكى گوۋۇيۈەن بېكىتىلگەن بەلگىلىمىگە تەۋە بولغانلىرى تىزىملىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم تەستىقلاش تۈرىدىن ئۆتكەن بولىشى ھەمدە تىزىملىتىشقا ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشىگە مەلۇم
قىلىشى كېرەك ھەمدە شىركەتكە تىزىملىتىش ئورگانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەستىقلانغان ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرۇش.(«شىركەتكە تىزىملىتىپ باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ 21-22 –ماددىللىرى).
4.تەسىس قىلىشقا تىزىملاتقان ھۆججەنى تاپشۇرۇش.
بارلىق ئىش باشلاش ماتىرياللىرىنى تولۇق تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن بېيجىڭدىكى سودا-سانائەت شۆبە ئىدارىسىگە تېلىفۇن قىلىپPS小编踩点朝阳分局,故奉上朝阳工
商分局预约电话:51261560)»ئالدىن تىزىملىتىشنى بېجىرىمىز.،تېلىفۇندا ئالدىن تىزىملاتقان ۋاقتىغا ئاساسەن تىزىملىتىش زالىغا ۋاقتىدا بېرىپ ماتىريالنى تاپشۇرۇپ،تەستىقلىنىشتىن  ئۆتكەندىن كېيىن «مەمۇرىيەت ئىجازەت بەلگىلىمە كېنىشكىسى»نى ئالىمىز.
5.گۇۋاھنامىنى  ئىلىش.
«مەمۇرىيەت ئىجازەت بەلگىلىمىسى»نىڭ ئەسكەرتكەن ۋاقتىغا ئاساسەن سودا-سانائەت ئىدارىسىگە بېرىپ گۇۋاھنامىنى ئالىمىز.
كەينىدىكى جەريانلار:تىجارەت گۇۋاھنامىسىغا ئاساسەن جامائەت خەۋىپسىزلىك ئېدارىسىگە بىرىپ بەلگىلەنگەن مالىيە تامغىسى قاتارلىق بىر قاتار تامغىلارنى باستۇرىدۇ.
2.شىركەتنىڭ تەشكىلى قۇرۇلما كود كېنىشكىسىنى بېجىرىمىز.تىجارەت گۇۋاھنامىسىگە ئاساسەن تېخنىكا نازارەت ئىدارىسىگە بېرىپ تەشكىللەش قۇرۇلما كود كېنىشكىسىنى بېجىرىدۇ. تەخمىنەن 15كۈن كۈتىمىز، بۇ جەرياندا تېخنىكا نازارەت ئىدارىسى  باشتا ئالدىنئالا قوبۇل قىلىش كود كېنىشكىسىنىڭ ئىسپات ھۆججىتىنى يوللايدۇ، بۇ ھۆججەتكە ئاساسەن كېيىنكى باج ئىشلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسى،بانكىدا ھېساپ ئېچىش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرسە بولىدۇ.ئىگىلىك تىكلەشنى خالىسىڭىز،سودا پۇرسىتى ئىزدىسىڭىز،ئىتتىپاقلاشقىنىڭىز بولسا ئۇنداقتا  ئۇيغۇر ئىگىلىك تورىغا چېقىڭ.www.igilik.net/

3.بانكىغا بېرىپ ئاساسي ئاكونتىنى تۇرغۇزۇش .تېجارەت گۇۋاھنامىسى،تۈزۈلۈش قۇرۇلما كود كېنىشكىسىگە ئاساسەن بانكىغا بېرىپ ئاساسىي ھېسابات نۇمۇرىنى تۇرغۇزۇش. ئەڭ ياخشىسى ئەڭ بۇرۇن تەكشۈرۈشكە تىزىملاتقان بانكىنىڭ تورىغا چىقىپ بېجىرىش كېرەك،بولمىسا 100 يۈەندىن ئارتۇق تەكشۈرۈش ھېسابات ھەققىي ئالىدۇ.
ئاساسي ئاكونت تۇرغۇزۇش نۇرغۇن جەدىۋەل تولدۇرۇشقا مۇھتاج، شۇڭا ئاۋارچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئامال بار ئېلىپ بېرىشقا تىگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى ئېلىپ بېرىش .مەسىلەن:تېجارەت گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى،سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى،تۈزۈلۈش قۇرۇلما كود كېنىشكىسى ،ھۆكۈمەت مال-مۈلۈك تامغىسى،قانۇنى شەخىس تامغىسى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىش.ئاساسي ھېساباتنى تۇرغۇزغاندا 280 يۈەنگە مەخپى بەلگە ئەسۋابى سېتىۋېلىش لازىم بولىدۇ.«2005-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىرىدىن باشلاپ،كۆپلىگەن بانكىلار مۇشۇ قائىدىنى قوللىنىشقا باشلىغان.بۇندىن كېيىن شىركىتىڭىز پۇل چېكى ئاچقۇزماقچى ۋە پۇل ئاجراتماقچى بولغاندا مەخپى بەلگە ئەسۋابىنى ئىشلىتىپ مەخپىي بەلگە سېلىشقا لازىمى بولىدۇ.  
4.باج ئىشلىرىنى تېزىملىتىشنى بېجىرىش:گۇۋاھنامىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن،30 كۈن ئىچىدە يەرلىك باج ئىدارىسىگە بېرىپ باج ئىشلىرىنى تىزىملىتىش كېنىشكىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىش.ئادەتتە شىركەتلەر 2 خىل باج ئىشلىرىنى تىزىملىتىش كېنىشكىسى بېجىرىشكە مۇھتاج.دۆلەت بېجى ۋە يەر بېجى.باج ئىشلىرىنى تىزىملىتىش كېنىشكىسى بىجىرگەن ۋاقىتتا چوقۇم بىر بوغالتىر خادىمى بولۇشى كېرەك،چۈنكى باج  ئىدارىسى بوغالتىرلىق كېنىشكىسى ۋە سالاھىيەت كېنىشكىسى قاتارلىق ماتىرياللارنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
5.تالون سېتىۋىلىشنى ئىلتىماس قىلىش: ئەگەر سىزنىڭ شىركىتىڭىز مال ساتىدىغان شىركەت بولسا دۆلەت باج ئېدارىسىگە بېرىپ تالون ئېلتىماس قىلىشىڭىز لازىم،ئەگەر مۇلازىمەت خاراكتىرلىق شىركەت بولسا يەر بېجىغا بېرىپ تالوننى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
6.شىركەتنىڭ باج سوممىسى:بۇ مەزمۇننىڭ ئاساسى قىسمى ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى  WWW.igilik.net دا .
كارخانا باج تاپشۇرۇش تۈرىگە نىسپەتەن ئېيتقاندا،ئومۇمي جەھەتتىن ئېيتقاندا تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ. سودا ئوبوروت بېجى،شىركەت قوشۇلما قىممەت بېجى،كارخانا تاپاۋەت بېجى.
شەخىسلەر تاپاۋەت بېجى:
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا كارخانا ئالدى بىلەن ئىقتىسادى خاراكتىرى ۋە ماكېتىڭ مۇلازىمىتىگە ئاساسەن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج تۈرى ۋە باج نىسپىتىنى بەلگىلەش.2008 –يىلى يولغا قويغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ تاپاۋەت بېجى قانۇنى »دا ئىچكى ۋە چەتئەل مەبلەغ كارخانىلىرى تاپاۋەت بېجىنى% 25 دەپ بىرلىككە كەلتۈردى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چەتئەل مەبلەغ كارخانىلىرى تاپاۋەت بېجىنى يىنىكلىتىپ  ئىتبار بېرىش سىياسىتىنى بىكار قىلدى. 2010-يىلنىڭ  ئاخىرى چەتئەل مەبلەغ كارخانىلىرىغا نىسپەتەن شەھەر قۇرلۇشى بېجى ۋە مائارىپ قوشۇمچە ھەققي يىغىۋىلىشقا باشلىدى.
سودا ئوبوروت بېجىنىڭ باج ئېلىش دائىرسى ئاساسلىقى دۆلىتىمىزنىڭ چىگراسى ئىچىدىكى باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئەمگەك مۇلازىمىتى،شەكىلسىز مال-مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە كۆچمەس مۈلۈكنى سېتىش ھەركىتى،خەلق ئىقتىسادىدىكى كەڭ دائىرلىك  3-كەسىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.سودا ئوبوروت بېجىنىڭ نىسپىتى% 3 ~ %5گىچە. كارخانىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىقتىسادى خاراكتىرى ۋە كەسپىي ئۈلگىسىگە ئاساسەن ئەڭ ئاخىرى جەزىملەشتۈرىدۇ.مەسىلەن:قاتناش-ترانسىپورت ئىشلىرى،قۇرۇلۇش،پوچتا-تېلىگىراف ئىشلىرى،مەدەنىي تەنتەربىيە قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ سودا ئوبوروت باج نىسپىتى% 3 ،پۇل- مۇئامىلە سۇغۇرتا ئىشلىرى،مۇلازىمەت،كۆڭۈل ئېچىش،ساياھەتچىلىك،سېتىش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ سودا ئوبوروت باج نىسپىتى %5 .
            قوشۇلما قىممەت بېجى:
قوشۇلما قىممەت بېجى بولسا:مال سېتىش ياكى پىششىقلاش بىلەن تەمىنلەشكە نىسپەتەن ئەمگەك مۇلازىمەتنى سەپلەپ  تۈزەشتۈرۈش ھەمدە كىرگۈزۈلگەن مالنىڭ ئورنى ۋە شەخىس ئەمەلگە ئاچقان قوشۇلما قىممەت بېجى يېغىۋىلىشنىڭ بىر خىل باج تۈرى .قوشۇلما قىممەت بېجىنى دۆلەت باج ئېدارىسى مەسئۇل بولۇپ يېغىۋالغاچقا،يېغىۋېلىنىدىغان باج كىرىمىنىڭ% 75ى مەركەزنىڭ مالىيە كېرىمى،%25ى يەرلىك كېرىم.كىرگۈزۈلگەن ماللارنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى تاموژنا مەسئۇل بولۇپ يېغىۋالغاچقا تاموژنا كىرىمىنىڭ ھەممىسى مەركەزنىڭ مالىيە كىرىمىگە تەۋە.قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ باج تۆلىگۈچىسى بولسا ئادەتتىكى باج تۆلىگۈچى ۋە كىچىك دائىرلىك باج تۆلىگۈچى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.ئۇلارنىڭ پەرقى تۆۋەندىكىچە :ئادەتتىكى باج تۆلىگۈچى بولسا كارخانىنىڭ يىللىق سېتىش سوممىسى 180 تۈمەنگە يەتكەن كارخانىنى كۆرسىتىدۇ.ئادەتتىكى كارخانىلارنىڭ تېزىملاتقان مال پۇلى 50 تۈمەنگە يېتىدۇ.بۇ ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچى.باج تاپشۇرغۇچى ئىلتىماس قېلىپ ھەمدە باج ئېدارىسىنىڭ ئېنىقلاپ تەكشۈرشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن رەسمىي ھالدا ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچىغا ئايلىنىدۇ.ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچىنىڭ باج نىسپىتى بولسا% 17 .سېتىۋىلىپ كىرگۈزگەن ماللارنىڭ باج پۇلىنى توغرىلاپ چىقىرىۋەتسىمۇ بولىدۇ.
        كارخانا تاپاۋەت بېجى:
كارخانا تاپاۋەت بېجى بولسا كارخانا پايدىسىنى يېغىۋېلىشقا قارىتىلغان بىر خىل باج تۈرى.  كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ يېغىۋېلىنىدىغان ئوبىكتى بولسا باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئېرىشىدىغان تاپاۋىتى.ساتقان مالنىڭ تاپاۋىتى،ئەمگەك بىلەن تەمىنلەيدىغان تاپاۋىتى ،ئۆتۈنۈپ بەرگەن مالنىڭ تاپاۋىتى،پاي ئۆسۈمىنىڭ پايدا تاپاۋىتى،ئۆسۈم تاپاۋىتى،ئىجارە تاپاۋىتى،ئالاھىدە ھۇقۇقنى ئىشلىتىش ھەقىقىي تاپاۋىتى،سوۋغا تاپاۋىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە باشقا تاپاۋەتلەر .يىڭى باج قانۇنى 2008- يىلى 1 –ئايدا يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى.كارخانىنىڭ تاپاۋەت باج نىسپىتى % 25 ،ئىنتايىن كىچىك پايدا ئالىدىغان كارخانىلار %20 بويىچە يۈرگۈزۈلىدۇ.يۇقۇرى يېڭى تىخنىكىلىق كارخانىلار %15 بويىچە يۈرگۈزۈلىدۇ.كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ بېكىتىپ باج ئېلىش ۋە ھىساپ تەكشۈرۈپ باج ئېلىش دەپ 2 خىل يېغىۋىلىش شەكلى بار.
         شەخىسلەر تاپاۋەت بېجى:
شەخىسلەر تاپاۋەت بېجى:ھىساپ تەكشۈرۈپ باج ئېلىشتۇر ،ھەسسىدار% 20 بويىچە پايدا تەقسىم قىلىپ، شەخىسلەر تاپاۋەت بېجى يىغىدۇ. شەخىسلەرنىڭ مۇستەقىل كارخانىلىرى ۋە شېرىكلەشكەن كارخانىلارنىڭ شەخىسلەر تاپاۋەت بېجىنى ئالغاچ كەلسە بولىدۇ.ئۇ 2011- يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ ھەر قايسى باجلارنىڭ  باج كەچۈرۈم سوممىسى  3500 يۈەنگىچە .سىز بۇ باسقۇچلارنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن تىجارىتىڭىزنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.لېكىن ئالاھىدە دىققەت كىلىشقا بولىدىغىنى ھەر ئايدا ۋاقتىدا باج ئىشلىرىغا باج مەلۇم قىلىش،كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرمىغان تەقدىردىمۇ باج تاپشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.پارچە باج مەلۇم قىلىشنى ئېلىپ بارسىمۇ بولىدۇ،بولمىسا جەرىمانە قويۇلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا شىركەت قېلىپلاشقان بوغالتىرلىق تۈزۈمى قۇرۇشقا مۇھتاج،شۇڭا ھېسابات قىلىشقا بىر بوغالتىر بولىشى كېرەك.پۈتۈن شىركەتنى تىزىملاش جەريانىغا قارايدىغان بولساق،گەرچە قىيىنلىق دەرىجىسى ئانچە بەك يۇقۇرى بولمىسىمۇ لىكىن ھېسابلاپ كەلسەك يەنىلا مۇرەككەپ.شۇڭلاشقا بىر تۈركۈم شىركەت تېزىملاشنى ۋاكالىتەن بېجىرىدىغان ۋاستلىق ئورگانلار ئوتتۇرغا چىقتى.ئەڭ دەسلەپتە شىركەتنى تىزىملاتقان كۆپىنچە ئادەملەرگە نىسپەتەن ئېيتقاندا ۋاستىلىق ئورگانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ھەر قايسى جەريانلارنى پىششىقلاش،شۇڭلاشقا بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى  (ئۆزى تىزىملاتسا ئادەتتە بىر يېرىم ئايدىن ئىككى ئاي ئەتراپىدا،ۋاستىلىق تەركىب تەخمىنەن بىر ئايدىن بىر يېرىم ئايغىچە)شەخىسنىڭ  كۆپ قىسقارتىشى بىلەن بىردەك ئەمەس.ئەگەر ۋاستىلىق ئورگانلارغا تاپشۇرۇشنى تاللاپ تىزىملاش جەريانىنى ۋاكالىتەن بېجىرسەك تەخمىنەن نەچچە مىڭدىن ئونمىڭغىچە تاپان ھەققىي تاپشۇرىشى كېرەك.ئاساسلىقى تاپشۇرغان كونكىرىت ۋاستىلىق مۇلازىمىتىگە قاراپ بەلگىلەيدۇ.
دۇنيا بانكىسىنىڭ سىتاستىكىسىغا ئاساسەن كانادادا بىر شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن 5 كۈن ۋاقىت كىتىدىكەن. جۇڭگو شىياڭگاڭ ئالاھىدە رايونىدا 6 كۈن،ئامېركىدا 6 كۈن،جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە 38 كۈن ۋاقىت كىتىدىكەن.بىر ئېگىلىك تىكلىگۈچىگە نىسپەتەن ئېيتقاندا ئۇ بىر مۇرەككەپ بولغان ماشىنىلاشقان جەريان، ئىزچىل بولغان تىزىملاتقان مەبلەغ  ۋە تىزىملاتقان ئۆي  ھۆكۈمەت ئۆزى ئېگىلىك تىكلىگۈچىگە ئېلىپ كەلگەن دەرەخ بېشىدىن بېلىق ئىزدىگەنگە ئوخشاش قۇرۇق مەنىسىز گەپتىن باشقا نەرسە ئەمەس.ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قائىدە-نىزامنى بۇزمىغان ئاساستا تېزىملاش جەريانىنى ئەلالاشتۇرۇپ،ئىگىلىك تىكلىگۇچىگە تېخىمۇ ئاسان بولغان يېتىلىش ماكانىنى قۇرۇپ بېرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *