كەبىنى يىقىتماقچى بولغانلارنىڭ قىسسىسىدىن ئىبرەتلەر

يوللانغان ۋاقتى : 2013-12-16 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 404 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20131216-081944.jpg

كەبىنى يىقىتماقچى بولغانلارنىڭ قىسسىسىدىن ئىبرەتلەر

ئىسلام تارىخىغا ئائىت كىتابلاردا قەيت قىلىنىشىچە، مىلادىيە بەشىنچى ئەسىردىكى يەمەن پادىشاھى ئەبرەھە ئەرەبلەرنىڭ مەككىگە بېرىپ كەبىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن سەپەرۋەرتلىك قىلىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق بىئارا بولىدىكەن. ئۇلارنى توسۇشقا ئورۇنۇپ باقىدىكەن، ئەمما ئۇلارنى توسالمايدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى مەككىگە بېرىشتىن توسۇش ئۈچۈن يەمەن پايتەختى سەنئا شەھىرىگە بىر كاتتا چېركاۋ بىنا قىلىدىكەن ۋە ئۇنى قۇللەيس چېركاۋى دەپ ئاتايدىكەن. ئاندىن تۇرماستىن كىشىلەرنى مەككىگە بېرىشنىڭ ئورنىغا بۇ چېركاۋغا بېرىپ زىيارەت قىلىشقا قاتتىق تەشەببۇس قىلىدىكەن. لېكىن ئادەملەر بۇ چېركاۋغا كۆنمەيدىكەن. بۇ ئارىدا ئەرەبلەردىن بىرى بۇ چېركاۋغا كىرىپ تەرەت قىلىپ قويىدىكەن. بۇنى ئاڭلىغان يەمەن پادىشاھ ئەبرەھەنىڭ غەزەبتىن ئەرۋايى چىقىپ، ئەرەبلەرنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋالغان شۇ كەبىنى يىقىتىپ تاشلاشقا قەسەم قىلىدىكەن. سۇنداق قىلىپ مىلادىيە 571- يىلى يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان يىلى فىللار بىلەن قوراللانغان زور بىر قوشۇن بىلەن مەككىگە قاراپ يولغا چىقىدىكەن. ئەبرەھە كۈچلۈك پادىشاھ بولغانلىقتىن، يول بويى ئۇنىڭ قوشۇنلىرىغا قارشى چىققان قەبىلىلەر ھەممىسى دېگۈدەك مەغلۇپ بولىدىكەن. قوشۇن ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تائىف شەھىرىگە كەلگىنىدە، تائىف شەھىرىنىڭ ھاكىمى بۇ زور قوشۇنغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا بويسۇنۇش ۋە مەككىگە ماڭغان قوشۇنغا تەگمەسلىك قارارىغا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەبرەھەنىڭ تەلىپى بىلەن مەككىگە ماڭغان قوشۇنغا يول كۆرسىتىشكە ئەبۇ رىغال دەپ ئاتىلىدىغان بىر قۇلنى تەيىنلەپ ئۇنى قوشۇنغا يول باشلاشقا بايرۇيدىكەن. ئەبۇ رىغال كەبىنى يىقىتماقچى بولغان قوشۇنغا يول باشلاپ ماڭغىنىدا، يول بويى پۈتۈن خەلق ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇيدىكەن، ئۇنى خائىن، ساتقۇن ۋە مۇناپىق دەپ تىللايدىكەن، ھەمدە ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەيدىكەن. قوشۇن تائىفتىن چىقىپ مەككە يولىدىكى مۇغەممەس دېگەن جايغا كەلگەندە، ئەبۇ رىغال نامەلەم بىلەن سەۋەب بىلەن ئۆلىدىكەن ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنىدىكەن. شۇنىڭدىن بىرى تا ھازىرغىچە مۇغەممەس دېگەن شۇ جايدىن ئۆتكەن ھەر قانداق ئادەم ئەبۇ رىغالغا لەنەت ئوقۇپ، ئۇنىڭ قەبرىسىگە ئەخلەت ۋە گىزەندىلەرنى تاشلاپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىدىكەن.»
ئەبرەھە قوشۇنى مەككىگە قاراپ يول ئالماقتا
يەنە ئىسلام تارىخى ھەققىدە يېزىلغان كىتابلاردا قەيت قىلىنىشىچە، ئەبرەھەنىڭ قوشۇنلىرى ھېچبىر قارشىلىقسىز مەككىگە يېتىپ بارىدىكەن. ئۇلار مەككىگە كىرىشتىن ئاۋۋال مەككىنىڭ ئاقساقىلى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋىسى بولغان ئابدۇلمۇتتەلىبكە ئەلچى ئەۋەتىدىكەن. ئەلچى ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، يەمەن پادىشاھى ئەبرەھە مەككىگە كىرمەكچى، بىراق ئۇنىڭ مەقسىتى سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئەمەس، بەلكى كەبىنى يىقىتىپ تاشلاشتۇر. شۇڭا سىلەر قارشىلىق كۆرسەتمىسەڭلار سىلەرگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيدۇ، دېگەن ئاساستا ئەلچىلىكنى ئادا قىلىدۇ ۋە ئابدۇلمۇتتەلىبنى ئەبرەھە بىلەن كۆرۈشتۈرمەكچى بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئەلچى ئەبرەھەگە ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ مەككىلىك ئەرەبلەرنىڭ ئاقساقىلى ۋە ئېسىل پەزىلەتلىك بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇنى تونۇشتۇرىدۇ. ئابدۇلمۇتتەلىب ناھايىتى ھەيۋەتلىك ۋە كېلىشكەن بىر ئادەم بولغانلىقتىن، ئۇنى كۆرگەن ئەبرەھە ئۇنىڭغا ئالاھىدە چوڭ ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ تەختىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ، قانداقلا بىر تەلىپى بولسا ئورۇندايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئابدۇلمۇتتەلىپ پادىشاھقا: سىزنىڭ ئادەملىرىڭىز مېنىڭ ئىككى يۈز باش تۆگەمنى مۇسادىرە قىلىپ ئېلىۋاپتۇ. شۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭلار، باشقا تەلىپىم يوق، دەيدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئەبرەھە ھەيران بولۇپ، ئابدۇلمۇتتەلىبكە: ئەي ئاقساقال! مەن سېنى خېلى پەزىلەتلىك، ئېسىل ئادەم ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. ئەمما سەن ئۇنداق ئەمەسكەنسەن. پۈتۈن مەككىلىكلەر ۋە ئەتراپتىكى ئەرەبلەر ئۇلۇغلاپ كەلگەن كەبىنى يىقىتىپ تاشلايمەن دەپ تۇرسام، سەن ئۇنى سورىۋالالماستىن، ئىككى يۈز تۆگەڭ بىلەن قالغىنىڭنى قارىمامسەن؟ دەيدۇ. ئابدۇلمۇتتەلىب پادىشاھقا: تۆگىلەر ماڭا ئائىت شۇڭا ئۇنى مەن قوغدىشىم كېرەك. ئەمما كەبە ئاللاھقا ئائىت، ئۇنى ئۆزى قوغدايدۇ،دەيدۇ. سۇنىڭ بىلەن ئەبرەھە ئابدۇلمۇتتەلىبكە ئىككى يۈز تۆگىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە ئەمر قىلىدۇ ۋە كەبىنى يىقىتىش ئۈچۈن يولىغا داۋام قىلىدۇ.»
كەبىنى يىقىتماقچى بولغان قوشۇننىڭ ئاقىۋىتى
يەنە مەزكۇر تارىخ كىتابلىرىدا قەيت قىلىنىسىچە، ئەبرەھە قوشۇنى پىللارنى ئالدىغا سېلىپ كەبىنى يىقىتىشقا كىرىشىدۇ. ئەمما پىللار كەبىنىڭ يېنىغا كېلىپ بولۇپ، ئالدىغا ئىلگىرلىمەستىن تۇرىۋالىدۇ. ئەسكەرلەر پىللارنى ئۇرىدۇ ۋە ئالدىغا مېڭىشقا چاقىرىدۇ. ئەمما پىللار تۇرغان يېرىدىن قوزغالمايدۇ. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىردىنلا ئاسماندا توپ-توپ قوشلار پەيدا بولىدۇ ۋە بۇ قۇشلارنىڭ ھەربىرى ئاغزىدىن تاشلار ياغدۇرۇپ، ئەبرەھە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىپ تۈگىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كەبە ئەبرەھە قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ. شۇ ۋەقەلىك ھەققىدە قۇرئان كەرىمدىن مۇنۇ ئايەت چۈشىدۇ:« رەببىڭنىڭ پىل ئىگىلىرىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟ ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ ـ توپ قۇشلارنى ئەۋەتتى. قۇشلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئېتىپ، ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى»
بۇ قىسسىدىكى ئىبرەتلەر
بۇ قىسسىدە3 چوڭ ئىبرەت بار.
ئۆز ۋەتىنىگە خائىنلىق قىلغان، دۈشمەنلەر بىلەن ھەمكارلاشقان ساتقۇنلار پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ تىلىدا لەنەتكە ئۇچرايدۇ. ئەرەبلەر 1400 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى ئەبۇ رىغال دېگەن ئادەمنى خائىنلىقنجىڭ ۋە ساتقۇنلۇقنىڭ بىردىنبىر سەلبىي ئۈلگىسى دەپ تونۇپ كەلمەكتە. ئۇلار شېرىلىرىدا، ماقال-تەمسىللىرىدە خائىنلىققا ئەبۇ رىغالنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
ئاللاھقا قارشى چىققانلار ئىبرەتلىك ھالدا جازالىنىدۇ. چۈنكى كەبە ئاللاھنىڭ ئىبادەت ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن ئۆيىدۇر. ئۇنى يىقىتماقچى بولغان ئەبرەھەنىڭ نابۇت بولغانلىقى بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئاللاھنىڭ دىنى بىلەن ئويناشقانلار چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ. ھازىرقى كۈندە مۇسۇلمانلارنى دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئەركىن ئېلىپ بېرىشتىن، ۋە دىنىي يوسۇندا كىيىنىشتىن توسۇپ كېلىۋاتقان ھۆكۈمدارلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجىلىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلسە بولىدۇ. چۈنكى پىرئەرۋەن، قارۇن، ئەبۇ جەھل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دىنىغا قارشى چىقىپ ئاخىرى ئۆزلىرى مەغلۇپ بولغانلاردۇر.
مەغلۇبىيەتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىشەنچنىڭ يوقىلىشى، روھىي مەنىۋىيەتنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ۋە ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدۇر. كاشكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋىسى ئابدۇلمۇتتەلىبتە بولغان ئىشەنچ ئەگەر ھازىرقى مۇسۇلماندا بولغان بولسا ئىدى، ئەھۋال باشقىچە بولغان بولار ئىدى، مۇسۇلمانلار ئاسارەتتىمۇ قالمىغان بولار ئىدى.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *