ئوقۇغۇچى ھەممە سوئالغا بەرگەن جاۋابى توغرا بولسىمۇ نۆل نۇمۇر ئاپتۇ . بۇ نېمە ئۈچۈن ؟
بىر ئوقۇتقۇچى پۈتۈن جاۋابى توغرا بولغان بىر ئوقۇغۇچىغا نۆل نۇمۇر قويۇپتۇ .
بۇ ئوقۇغۇچى ھەممە سوئالغا بەرگەن جاۋابى توغرا بولسىمۇ نۆل نۇمۇر ئاپتۇ .
بۇ نېمە ئۈچۈن ؟
س: ئەنتەرە دىگەن ئىمپىراتۇر قايسى جەڭدە ئۆلگەن ؟
ج: ئۇ قىلغان ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق جەڭدە .
س: جەنۋە شەرىتنامىسغا قەيەردە ئىمزا قويۇلغان؟
ج: قەغەزنىڭ ئەڭ ئاستىنقى بۈرجىكىگە ئىمزا قويۇلغان .
س: ئاجرىشىشنىڭ ئاساسى سەۋەبى نىمە ؟
ج: توي قىلىش .
س: ئەتىگەنلىك تاماقتا بىللە يېگىلى بولمايدىغان تاماق قايسى تاماق ؟
ج: چۈشلۈك تاماق بىلەن كەچلىك تاماق .
س: قايسى نەرسە يېرىم ئالمىغا ئوخشايدۇ ؟
ج: ئالمىنىڭ يەنە بىر يېرىمى .
س: ھىتلىر قانداق ئۆلگەن ؟
ج: ئۆلۈم پەرىشتىسى كەلگەندىن كېيىن يۈرەك سوقۇشى توختاپ ئۆلگەن .