ئاقكۆڭۈللۈك

يوللانغان ۋاقتى : 2013-04-01 / سەھىپە تۈرى : تۇرمۇش / كۆرۈلىشى : 139 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

 
ئاقكۆڭۈللۈك

    1. خەقنىڭ تېمىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغىنىنى كۆرگىنىڭىزدە، ئۇنى يۆلەپ قويالمىسىڭىزمۇ ئىتتىرىۋەتمىگىنىڭىزنىڭ ئۆزى بىر ئاقكۆڭۈللۈك.
    2.ئۆزىڭىز گۆش يەۋېتىپ، خەقنىڭ ئۇماچ ئىچىۋاتقىنىنى كۆرگىنىڭىزدە، ئۇنىڭغا گۆشىڭىزدىن بەرگىڭىز كەلمىسىمۇ، ئۇنىڭغا كۆز – كۆز قىلمىغىنىڭىزنىڭ ئۆزى بىر خىل ئاقكۆڭۈللۈكتۇر.
    3.بىراۋنىڭ بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتقىنىنى كۆرگىنىڭىزدە، دادىللىق  بىلەن ئوتتۇرىغا سەكرەپ چىقالمىسىڭىزمۇ، ساقچىغا تېلېفون قىلىپ قويغىنىڭىزنىڭ ئۆزى بىر ئاقكۆڭۈللۈكتۇر.
    4. يېنىڭىزدىكى پۇلىڭىزدىن غېرىب – غۇرۋالارغا بېرىشكە كۆڭلىڭىز ئۇنىمىسىمۇ، ئۇنىڭغا كۆپلەپ لاتارېيە سېتىۋالغىنىڭىزنىڭ ئۆزى بىر ئاقكۆڭۈللۈكتۇر.
    5. كۆڭلى بۇزۇلۇپ ياش تۈكۈۋاتقان بىراۋغا تەسەللىي بېرىشنى خالىمىسىڭىزمۇ، ئۇنىڭغا ئىچىڭىزدە كۈلمىگەنلىكىڭىزنىڭ ئۆزى بىر ئاقكۆڭۈللۈكتۇر.
    6. سودا – سېتىقتا زىيادە ئالىيجانابلىق قىلىپ كېتەلمىسىڭىزمۇ، ساختىلىق قىلمىغىنىڭىزنىڭ ئۆزى بىر خىل ئاقكۆڭۈللۈكتۇر.
    7. خىزمەتتە ئالاھىدە نەتىجە يارىتىپ نەمۇنىچى باھالىنالمىسىڭىزمۇ ئالغان مائاشىڭىزغا يۈز كېلەلىگەنلىكىڭىزنىڭ ئۆزى بىر ئاقكۆڭۈللۈكتۇر.
    8. مەنسەپ تۇتقان چاغلىرىڭىزدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى يارىتىۋېتەلمىسىڭىزمۇ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزمىغانلىقىڭىزنىڭ ئۆزى بىر خىل ئاقكۆڭۈللۈكتۇر.
    9. ناۋادا زەردار بولسىڭىز، ھەققانىيەت ئۈچۈن كۆپ مال – دۇنيا سەرپ  قىلالمىسىڭىزمۇ، ئىمتىيازىڭىزدىن پايدىلىنىپ، خەقنى بوزەك قىلمىغانلىقىڭىزنىڭ ئۆزى بىر خىل ئاقكۆڭۈللۈكتۇر.
    10. ناۋادا مۇخبىر بولسىڭىز، ئېسىل خەۋەرلەرنى يازالمىغان تەقدىردىمۇ، نەدىكى يوقىلاڭ بىر نەرسىلەرنى خەۋەر دەپ يېزىپ يۈرمىگەنلىكىڭىزنىڭ ئۆزى بىر خىل ئاقكۆڭۈللۈكتۇر.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *