ئۈستىلىڭىز رەتلىك بولسا، ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسىز

يوللانغان ۋاقتى : 2013-04-01 / سەھىپە تۈرى : تۇرمۇش / كۆرۈلىشى : 143 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئۈستىلىڭىز رەتلىك بولسا، ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسىز

 

    ئەنگلىيەدىكى مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق دېدى: خىزمەت ئۈستىلى رەتلىك تۇرىدىغان كىشىلەر، خىزمەتتە باشقىلارغا قارىغاندا ئاسانلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىكەن.
    ئىشخانىدىكى خىزمەت ئۈستىلى قالايمىقان، رەتسىز بولسا ئاسانلا كىشىنىڭ تەپەككۇرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدىكەن، بۇنداق بولغاندا شۈبھىسىزكى خىزمەت ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى شۇ كىشىنىڭ خىزمەتتە ئىلگىرىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. گەرچە بۇ خىل قاراش ئاڭلىماققا ناھايىتىمۇ كۈلكىلىكتەك، ئەقىلگە سىغمايدىغاندەك بىلىنسىمۇ، بۇ تەتقىقاتنىڭ باش يېتەكچىسى مورس مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ بىر قىسىم داڭلىق كىشىلەر ۋە داڭلىق سودىگەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، تەتقىق قىلغاندىن كېيىن چىقارغان نەتىجەم. بېل گايتىسمۇ ئىشخانىسىنىڭ ئۈستىلىنى ئىنتايىن رەتلىك تۇتىدىغانلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. سىرتقى مۇھىتنىڭ قالايمىقانلىق دەرىجىسى ئەمەلىيەتتە شۇ كىشىنىڭ ئىچكى ھېسسىياتى، ھالىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. خىزمەت ئۈستىلىڭىزنى ۋاقىت چىقىرىپ رەتلەپ قويسىڭىز خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپلا قالماستىن، يەنە كىشىنىڭ كۆڭلىدە پائال تەسىر قوزغايدۇ. ئۈستەلگە خىزمىتىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرنى دۆۋىلەپ قويماي، باشقىلارغا سوۋغا قىلىۋېتىڭ ياكى تاشلىۋېتىڭ، بولمىسا زېھنىڭىزنى ۋە ۋاقتىڭىزنى خورىتىۋېتىدۇ.

 

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *