ئىستاكان ۋە ئادەم

يوللانغان ۋاقتى : 2014-05-27 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 98 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20140527-231811-83891666.jpg

پىروفېسسور بىر ئىستاكان لىق سۈت قۇيۇپ ئوقۇغۇچىلاردىن: «بۇ نېمە؟» دەپ سورىۋېدى، ئوقۇغۇچىلار: «سۈت!» دەپ جاۋاب بېرىشتى؛ پىروفېسسور يەنە بىر ئىستاكانغا لىق ياغ قۇيۇپ: «بۇچۇ؟» دىۋېدى، ئوقۇغۇچىلار: «ياغ!» دەپ جاۋاب بېرىشتى؛ پىروفېسسور شىرەگە بىر قۇرۇق ئىستاكاننى قويۇپ: «ئەمدى بۇ نېمە؟» دەپ سورىۋېدى، ئوقۇغۇچىلار «ئىستاكان» دېيىشتى.

-مانا كۆردۈڭلار!-دېدى پىروفېسسور ئاخىرىدا،-پەقەت ئىستاكان قۇرۇق چاغدىلا، ئاندىن ئادەملەر ئىستاكانغا دىققەت قىلىدۇ ۋە «بۇ دېگەن بىر ئىستاكان» دەيدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئادەمنىڭ قەلبى پىشقان قاراش، بايلىق، ھوقۇق ۋە ئىمتىيازغا لىق تولغان چاغدا، ئادەم ئاللىقاچان ئۆزىگە تەۋە بولماي قالىدۇ. شۇنداق، ئادەم ھاياتتا ھەر خىل كەچمىش ۋە ئىشلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ، بىراق باشتىن-ئاخىرى ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇپ بولالمايدۇ.

مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *