تىرىشچانلىق

يوللانغان ۋاقتى : 2012-09-19 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 143 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

تىرىشچانلىق

قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇرىدا ياخشىلىق بۇلاقلىرى بار. ئۇ قۇدۇققا ئوخشايدۇ، سىز ئۇنى پاكىز پېتى ساقلاپ قالالسىڭىز، ھەمدە توختاۋسىز ھالدا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ قازغانسېرى ئۇنىڭ سۈيى شۇنچە كۆپىيىپ بارىدۇ.
سىز مەنىۋى تۇرمۇشتا مەلۇم دەرىجىدە ئالغا ئىلگىرىلىسىڭىز، ئۆز ۋۇجۇدىڭىزدا بەزى پاسسىپ نەرسىلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرىسىز، سىز بۇنى بۇرۇن بىر ئازمۇ سىزىپ باقمىغان. بۇ، سىزنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىڭىز يەنىلا ياخشى دېگەندىن بېشارەت بەرمەيدۇ، بەلكى، سىز ئۆزىڭىزنى تاكامۇللاشتۇرۇش جەريانىدا قانچە ئۆزگىرەلىسىڭىز شۇنچە ياخشى بولىدىغىنىنى ئىپادىلەيدۇ.
سۈرە-ئايەتلەردە، ئاخىرىغىچە چىدىغانلار نىجات تاپۇر، دېيىلگەن. يەنە ئازراق تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا نىشانغا يەتكىلى بولىدىغاندا، بەزىلەر ئۈمىدىنى ئۈزۈپ توختاپ قالىدۇ، ھەتتا ئارقىسىغا چېكىنىدۇ.

9-ئاينىڭ 19-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *