يالغان كىرپىكنىڭ زىيىنىنى بىلەمسىز؟
بەزى قىزلار يالغان كىرپىك تاقاشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن دائىم يالغان كىرپىك تاقىغاندا، كۆز ئەتراپىدىكى تۈك تۆشۈكچىلىرىنى توسۇۋېلىپ ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان يالغان كىرپىكلەرنىڭ سۈپىتى ناچار بولۇپ، بەزىلىرى ھايۋاناتنىڭ تۈكىدىن ياسالغاچقا، تاقاپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سۇنۇپ كېتىدۇ، ناۋادا كۆزگە كىرىپ كەتسە كۆز قارىچۇقى زىيانغا ئۇچراپ، كىرپىك چۈشۈش، نۇر يىغالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كۆز قارىچۇقى زەخمىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، باكتېرىيىلەر ناھايىتى ئاسانلا كۆزگە كىرىپ، كۆز قارىچۇقى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، قارىغۇ بولۇپ قېلىشقا سەۋەبچى بولىدۇ.
ئادەتتە كىرپىكنىڭ قۇم،چاڭ-توزاننىڭ كۆزگە كىرىپ كېتىشىنى توسۇش، شۇنداقلا تەر، ياش ۋە باشقا زىيانلىق ماددىلارنىڭ ئېقىپ كىرىشىنى توسۇش رولى بار.
لېكىن دائىم يالغان كىرپىك تاقىغاندا، ئەسلى كىرپىكنىڭ پاكىزلىقىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. كىرپىكنىڭ يىلتىزىدا تەر ھەم ماي بەزلىرى بولۇپ، يالغان كىرپىكنى بەك ئۇزۇن تاقىسا، تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ تەر چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تۈك خالتىسى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى