ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىلغان ئىبادەتلىرى نەدە قالدى؟

يوللانغان ۋاقتى : 2014-03-11 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 335 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20140311-103634.jpg

بىر مۇسۇلمان ئايال ئۆمرىدە نۇرغۇن نامازلارنى ئىجرا قىلىدۇ ۋەنۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ، بىر كۈنلەردە ئۇ توي قىلىدۇ، لىكىن ئىرىگە ئىتائەت قىلمايدۇ، ئۇ نىمە بولىدۇ؟ جەھەننەمگە يوللىنىدۇ … ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىلغان ئىبادەتلىرى نەدە قالدى؟ بەلكى ئۇنى جەھەننەمدىن قۇتقۇزۇشقا يەتمەيدۇ …چۈنكى بىر ئايالنىڭ دۇنيادىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئۆزىنىڭ ئىرىنى رازى قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئىتائىتىدە بولۇش ئىدى. ئاياللار بۇنى چۈشەنمەيدۇ، ناماز ئوقۇدۇم روزا تۇتتۇم دەپ يۈرىۋىردۇ. رەسۇللاھنىڭ سۈننىتى ئىددىيسىدىن ئۆتمىگەن ئىنسانلار، ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى ئىىنىق ئايەتلەر ئىددىيسىدىن ئۆتمىگەن ئىنسانلار قانداق مۇسۇلمان بولىدۇ؟ قانداق مۆئمىن ئايال بولىدۇ ؟ ئىمان پەقەت ناماز بىلەن زاكات بىلەن بەلگىلەنمەيدۇ قىرىنداشلار….ئىمان سىناقتىن ئۆتۈش مەسلىسى…بىر كۈنى ئۇ خوتۇننىڭ ئىرى كىلىپ،: مەن خوتۇن ئالىمەن دىگەن ۋاقىتتا، سىناق ئۇ خوتۇنغا كەلگەن بولىدۇ، ئاھ …دەيدۇ بۇ ئايال، بۇ سىناق ماڭا كەپتىمۇ؟ دەيدۇ. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە بۇنى دىگەن بولسا ئىلېڭ دەيدۇ، ئۇ مۇئمىنە ئايال، قۇرئان كەرىمدە دىمىگەن بولسا بۇنى قىلماڭ دەيدۇ، ئۇ مۇئمىنە ئايال. رەسۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىنى جەھەننەمدە كۆردۈم دەيدۇ. ئاياللار يىغالايدۇ، يا رەسۇلىللاھ ئاياللارنىڭ ھەممىسى جەھەننەمدە بولامدىكەن ؟ … كۆپىنچىسى جەھەننەمدە بولىدۇ ….نىمىشقا؟ يا رەسۇلىللاھ … چۈنكى سىلەر ئەرلىرىڭلارغا تۇزكۇرلۇق قىلىسىلەر …تاكاللىشسىللەر، شەقىلىق قىلىسىلەر …سەندىن ياخشىلىق كۆرمۈدۈم دەيسىلەر…………….جەننەتكە كىرمەكچى بولغان ئاياللار بۇ ھەدىسنى تەكشۈرۈپ ئۆزىگە ھاياتىغا تەدبىقلاپ باقسا بولىدۇ …قايسى خوتۇن ئىرىنى رازى قىلىۋاتىدۇ بۈگۈنكى كۈندە ؟ بىر نى دىسە ئىككىنى دەۋاتىدۇ، ئىككىنى دىسە تۆتنى دەۋاتىدۇ … ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچىدىكى ئشلىرىنى قىلىپ بولالمىغان بۇ ئايال، ئۇنداق ئىش قىلىمەن، پۇل تاپىمەن، خىزمەت قىلىمەن دەۋاتىدۇ …ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىش…. ئاخشىمى سىلىپ قويغان پايپىىقىنى تاپالمايۋاتقان بۇ ئايال چىقىپ مەن پۇل تاپىمەن، خىزمەت قىلىمەن دەپ داۋ ا قىلىۋاتىدۇ ….ئۆزىنىڭ كىر قاتلىرنى يۇيالمىغان، تامىقىنى ئىتەلمىگەن بۇ ئايال چىقىپ ئۇنى قىلىمەن بۇنى قىلىمەن دەۋاتىدۇ…ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيلىمەي مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىۋاتىدۇ بۇ ئايال …جەھەننەم ئەھلى بولىدۇ بۇ ئاياللار …نىمە ئۈچۈن؟؟؟ ..ئىرىگە ئىتائەت قىلمىدى بۇ ئايال……. ئىنسانلار ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى مەجبۇريىتىنى بىلىشى كىرەك بۇ يەردە،خوتۇننىڭ مەجبۇريىتى نىمە؟ ئەرنىڭ مەجبۇريىتى نىمە؟ ئەر نىمە ئىش قىلىدۇ؟ ئاياللار نىمە ئىش قىلىدۇ؟ ئەر خوتۇننىڭ پۈتۈن ئىھتىياجلىرىغا ئىگە بولىشى كىرەك، ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھۆكۈمرانى، ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھىمايەتچىسى، ئەرلەر ئاياللارنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئەرلەر ئاياللارنىڭ خوجايىنى بولىدۇ … ئەر ئاياللار ئىبادەتتە باراۋەر دەيدۇ ئىسلامدا، ئىنسانلار تارغاقنىڭ چىشىدەك باراۋەر دەيدۇ، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، ئەر كىشى قىلغان ھەر قانداق ئىبادەتنى ئاياللارمۇ قىلالايدۇ، ئەر كىشى قۇربانلىق قىلسا ئاياللارمۇ قۇربانلىق قىلالايدۇ، ئەمما ئىسلام ئۇ قەدەر گۈزەلكى ئاياللارنىڭ قويىنى ئەرلەر بوغۇزلاپ بەرسۇن دەيدۇ، نىمىشقا؟ قان ئاياللارغا چاچىراپ كەتمىسۇن دەيدۇ، ئىسلام ئۇ قەدەر گۈزەلكى ئۇ ئايالنىڭ چىرايلىق بەدىنىنى باشقىلار كۆرۈپ تاجاۋۇز قىلمىسۇن، ئاياللارنى ئالتۇننى يۆگىگەندەك يۆگەپ قويايلى دەيدۇ ئىسلامدا، ئايال يۆگەنگەنسىرى ئۇ ئايالنىڭ شەرىپى شۇ قەدەر ئاشىدۇ بولۇپمۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا….ئاللاھنىڭ ئايالنى قانچىلىك قوغدىغانلىقى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتە شۇ قەدەر بىلىنىپ تۇرىدۇ…

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *