نېمىدىن بىئارام بولىۋاتسەن؟

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-21 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 158 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

 
نېمىدىن بىئارام بولىۋاتسەن؟

ئەنسارى[1] جابىر ئىبنى ئابدۇللادىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، سەئلەبە ئىبنى ئابدۇراھمان ئىسىملىك بىر ئەنسارى يىگىت ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) نىڭ يېنىدا يۈگۈر – يىتىم ئىشلارنى قىلاتتى. ئۇنى بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) مەلۇم بىر ئىشقا ئەۋەرتكەندە، ئۇ ئەنسارىلاردىن بىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، يۇيۇنىۋاتقان بىر ئايالغا قاراپ تاشلاپ، قىلغان ئىشى ھەققىدە پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) گە ۋەھىي چۈشۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ، مەككە، مەدىنە ئارىسىدىكى تاغقا قېچىپ چىقىپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) قىرىق كۈنگىچە ئۇنىڭ ئىز – دېرىكىنى ئالالمايدۇ.

جېبرئىل ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) غا، «ئى، مۇھەممەد، (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) پەرۋەردىگارىڭدىن ساڭا سالام ، ئۈممىتىڭدىن بىر كىشى مەككە، مەدىنە ئارىسىدىكى تاغلاردا ئازابىمدىن پاناھ تىلەۋاتىدۇ» دەيدۇ.

ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) ئۆمەر، سەلمان ئىككىسىنى سەئلەبە ئىبنى ئابدۇراھماننى باشلاپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ. ئۇ ئىككىسى مەدىنىدىن چىقىپ، زۇفافە ئىسىملىك بىر پادىچىنى ئۈچرىتىدۇ، ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئۇنىڭدىن سەئلەبە ئىسىملىك بىر ياشنىڭ بۇ تاغلاردا سەرسان بولۇپ يۈرگەنلىكىنى بىلەمسەن؟- دەپ سورايدۇ.

ئۇ: سىلەرنىڭ دىگىنىڭلار دوزاختىن پاناھ تىلەپ يۈرگەن ھېلىقى كىشى بولمىسۇن – يەنە!؟ دېگەندە، ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئۇنىڭ جەھەننەمدىن قاچقۇچى ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلدىڭ؟ – دەپ سورىغاندا، ئۇ پادىچى:

«چۈنكى ئۇ ھەر كۈنى تۈن نىسپىدە تاغدىن چىقىپ، بېشىنى چاڭگاللىغان ھالدا،‹ ئى، رەببىم، روھىمنى روھلار بىلەن جىسمىمنى جەسەدلەر بىلەن بىرگە قەبزى روھ قىلىپ، ھۆكۈم كۈنى مېنى چىقارمىغان بولساڭمۇ كاشكى!› دەپ ھەسرەت – نادامەت بىلەن قېشىمىزغا كېلىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئىزدەۋاتقانلىرىنىڭ دەل ئاشۇ كىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ، دېگەندەك، شۇ كىچىسى، سەئلەبە ئاشۇ ھالەتتە ئاشۇ نىدالار بىلەن چىقىپ كېلىدۇ.

ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئۇنىڭ يېنىغا ئوقتەك بېرىپ ئۇنى قۇچاقلايدۇ. سەئلەبە ئۇنىڭدىن:

ھەي ئۆمەر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) گۇناھىمدىن خەۋەر تېپىپتىمۇ؟ دەپ سورايدۇ.

ئۆمەر ئۇ خەۋەرنى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) بىلمەيدىغانلىقىنى، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) نىڭ بۇيرىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە سەئلەبەنى مەدىنىگە ئېلىپ كېلىپ، سەئلەبەنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ئۇنى پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ئېلىپ كىرىشىدۇ. سەئلەبە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) نىڭ قىرائىتىنى ئاڭلىشى بىلەن بەدەن – بەدىنىنى تىترەك بېسىشقا باشلايدۇ. پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) نامازدىن كېيىن، « ئۆمەر، سەلمان، قېنى دەڭلار، سەئلەبە نېمە ئىش قىپتۇ؟ » دەپ سورىغاندا، ئۇلار:

سەئلەبەنىڭ ئىشلىرىنى بىرمۇ – بىر سۆزلەپ بېرىدۇ.

پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) ئورنىدىن تۇرۇپ سەئلەبەنى يىنىك تەۋرىتىپ تۇرۇپ:

«مەندىن نېمىشقا قاچىسەن، نېمىگە يوقاپ كېتىسەن؟» دەپ سورايدۇ.

- ئى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مېنى سىلىدىن قاچۇرۇۋاتقىنى گۇناھلىرىم.

- ئۇنداقتا، مەن ساڭا گۇناھنى يۇيۇپ، خاتالىقنى ئۆچۈرۈدىغان بىر ئايەت ئۆگىتىپ قويسام، قانداق ؟

- بولىدۇ، يا رەسۇلۇللاھ (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن.)

پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن): « پەرۋەردىگارىم بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن » (رەببەنا ئاتىنا فىددۇنيا ھەسەنەتەن، ۋە فىل ئاخىرەتى ھەسەنەتەن، ۋەقىينا ئازابەننار) ]رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّار[ دېگەن ئايەتنى ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ.

ئۇ، «ئى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مېنىڭ گۇناھىم بۈيۈك» دېگەندە، پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) «بەلكى، ئاللاھنىڭ كالامى بۈيۈك» دەيدۇ – دە، ئۇنى ئۆيىگە قايتىشقا بۇيرۇيدۇ.

سەئلەبە ئۆيىدە سەككىز كۈن ئاغرىپ يېتىپ قالغاندىن كېيىن، سەلمان (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبىرىمز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) گە «ئى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، سەئلەبە بىلەن كۆرۈشكىلىرى بارمۇ؟ ئۇنىڭ كېسىلى خېلىلا ئېغىرلىشىپ قالدى» دېگەنلەرنى يەتكۈزىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) ئۇنىڭ يېنىغا ساھابىلىرىنى باشلاپ بېرىپ، سەئلەبەنىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ تىزىغا قويىۋىدى. ئۇ بېشىنى تارتىۋالىدۇ. سەۋەبىنى سورىسا، «بۇ بىر گۇناھقا تولۇپ كەتكەن باش» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

رەسۇلۇللاھ (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) نېمىدىن بىئارام بولىۋاتىسەن؟ دەپ سورىغاندا، سەئلەبە: «تېرە – گۆشلىرىم، ئۇستىخان – سۆڭەكلىرىم ئارىسىدا چۈمۈلە مېڭىۋاتقاندەك ئارامسىزلىنىۋاتىمەن» دەپ ئۆز ھالىنى سۈرەتلەيدۇ.

ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەپەندىمىز: «كۆڭلۈك نېمە تارتىدۇ؟» دەپ سوئال قىلغاندا، ئۇ «پەرۋەردىگارىمنىڭ مەغپىرىتىنى» دەيدۇ.

شۇ ئەسنادا، جىبرئىل ئەلەيھىسسالام «ئى، مۇھەممەد (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!)، پەرۋەردىگارىڭدىن ساڭا سالام، ئەگەر بۇ بەندەم زېمىنغا تەڭداش گۇناھ بىلەن كەلسە، ئۇنى زېمىنغا تەڭداش مەغپىرىتىم بىلەن كۈتۈۋالىمەن دېدى» دېگەن خەۋەرنى ئېلىپ چۈشكەندىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) دىن بۇ خەۋەرنى ئىشىتكەن سەئلەبە قاتتىق بىر «ئاھ» ئۇرۇپلا جان ئۈزۈدۈ.

ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) ئۇنى يۇيۇپ كېپەنلەتكەندىن كېيىن، نامىزنى چۈشۈرۈشكە كېتىۋېتىپ، يول بويى پۇتلىرىنىڭ ئۇچىدا ئاۋايلاپ دەسسەپ، ئىھتىياتچانلىق بىلەن ماڭىدۇ. ساھابىلەر ئۇنى دەپنە قىلىۋاتقاندا، رەسۇلى ئەكرەمگە: «ئى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، يول بويى پۇتلىرىنىڭ ئۇچىدا ئاۋايلاپ ماڭغانلىقلىرىغا دىققەت قىلىپ قالدۇق – يا!» دېگەندە، پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن): «مېنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى، ئۇنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن چۈشكەن پەرىشتە – مالائىكلەرنىڭ كۆپلىكىدىن پۇتۇمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدىم » دېگەن ئىكەن.

[1] مەدىنىلىك مۇسۇلمان.

WordPress for Android يانفۇندا يوللانغان

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *