بالىلاردا سىنىك كەمچىل بولسا…

يوللانغان ۋاقتى : 2013-03-01 / سەھىپە تۈرى : ئوماق قوزام / كۆرۈلىشى : 178 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

 

سىنىك ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان مىكرو ئېلېمىنىتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بەدەندىكى تۈرلۈك ئىنىزىملارنىڭ قوشۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرستېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا بالىلار كېسەللىكىنىڭ مۇدىرى ۋىراچى شۈ پېيرۇدىن ئىگىلىنىشچە، سىنىك كەم بولۇش ئورگانىزىملارنىڭ تۈرلۈك فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىدا قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. سىنىك كەمچىل بولسا، تەم سەزگۈ ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېڭىلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، ئىشتىھاسىزلىق كىلىپ چىقىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مېڭە ئاستى بېزىنىڭ ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ ئىشلىشىگە ۋە مېڭەDNA سى بىلەن ئاقسىلنىڭ بېرىكىشىگە توسالغۇ بولۇپ، بالىلارنىڭ ئەقلىي جەھەتتىن يېتىلىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىكەن. سىنىكنىڭ كەملىكىدىن بەزى بالىلاردا ئېغىز بوشلۇقى يارىسى، ئۈچەي كېسەللىكىدىن بولىدىغان تېرە ياللۇغى، چاچ چۈشۈش، نامازشام قارىغۇسى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشتىن باشقا، سىنىك تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

  مەنبە : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *